پېرۇدا ھەربىي تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتتى
جەنۇبىي ئامېرىكا دۆلىتى پېرۇدا ھەربىي تىك ئۇچارنىڭ چۈشۈپ كېتىشى سەۋەبىدىن 5 ئەسكەر ھاياتىدىن ئايرىلدى.
1744923
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پېرۇ ھاۋا ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، پايتەخت لىمادىكى جورج چاۋېز خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدىن پۇكالپا شەھىرىگە قاراپ قوزغالغان «MI-171SH» تىپلىق تىك ئۇچارنىڭ خۇاروچىرى ئۆلكىسىدە چۈشۈپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
سپۇتنىكنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، چۈشۈپ كەتكەن تىك ئۇچاردىكى 5 نەپەر ئايروپىلان خادىمى نەق مەيداندا قازا قىلغان بولۇپ، ۋەقەنىڭ سەۋەبى تەكشۈرۈلمەكتە ئىكەن.