ئامېرىكادا 80 كىشىلىك بىر گۇرۇپپا تەشكىللىك ھالدا بۇلاڭچىلىق قىلدى

ئامېرىكانىڭ كالىفورنىيە ئىشتاتىدىكى بىر ھەشەمەتلىك ماگزىن تەخمىنەن 80 كىشىلىك بىر گۇرۇپپانىڭ بۇلاڭچىلىقىغا ئۇچرىدى.

1736881
ئامېرىكادا 80 كىشىلىك بىر گۇرۇپپا تەشكىللىك ھالدا بۇلاڭچىلىق قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇلاڭچىلار سان فىرانسىسكودىكى كوچىنى 25 ئاپتوموبىل بىلەن قاتناشتىن توسۇپ، تەشكىللىك ھالدا بۇلاڭچىلىق قىلدى.

شاھىتلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇلاڭچىلار قار ماسكىسى ۋە پەلەي كىيگەن ھەمدە قورال كۆتۈرۈشكەن بولۇپ، ماگزىن خادىملىرىغا ھۇجۇم قىلغان، ئاندىن سىرتتا ساقلاۋاتقان ئاپتوموبىللارغا ئولتۇرۇپ، قولىدىكى ساندۇقلار بىلەن قېچىپ كەتكەن.

ساقچىلار ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك 18، 30 ۋە 32 ياشلاردىكى 3 كىشىنى قولغا ئالغان. گۇماندارلارنىڭ بىرىدىم چىققان قورال مۇسادىرە قىلىنغان.

مەكۇر كىشىلەر ئوغرىلىق قىلىش، ئوغرىلانغان مال-مۈلۈك ۋە قانۇنسىز قورال-ياراغ ساقلاش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن.

باشقا گۇماندارلارنى تېپىش ئۈچۈن بىخەتەرلىك كامېراسى تەكشۈرۈشكە ئېلىندى.

سان-فىرانسىسكودىكى ئىتتىپاق مەيدانىدىمۇ جۈمە كۈنى كەچتە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئوغرىلىق ۋەقەسى يۈز بەرگەن ئىدى.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر