ياپونىيە فايزېرنىڭ ئۈچىنچى شىشە ۋاكسىناسىنى تەستىقلىدى

ياپونىيە ئامېرىكا فايزېر (Pfizer) شىركىتىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) غا قارشى تەتقىق قىلىپ ياسىغان ئۈچىنچى شىشە تولۇقلىغۇچى ۋاكسىناسى ئۈچۈن سۇنغان ئىلتىماسىنى تەستىقلىدى.

1733006
ياپونىيە فايزېرنىڭ ئۈچىنچى شىشە ۋاكسىناسىنى تەستىقلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە سەھىيە، ئەمگەك ۋە پاراۋانلىق مىنىستىرلىقىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى مۇتەخەسسىسلىرى ھەيئىتى فايزېرنىڭ ئۈچىنچى شىشە تولۇقلىغۇچى ۋاكسىناسىنى ئەملەشكە رۇخسەت قىلدى.

ھەيئەت فايزېرنىڭ ئۈچىنچى شىشە ۋاكسىناسىنى ئەملەتكەنلەردە، ئىككىنچى شىشىنى ئەملەتكەن ۋاقىتتىكىدىن ئۈچ ھەسسە كۆپ ئانتېتىلا پەيدا بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۈچىنچى شىشە تولۇقلىغۇچ ۋاكسىنانىڭ سەھىيە خىزمەتچىلىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا 18 ياشتىن يۇقىرىلارغا دېكابىر (2021) ئېيىدىن باشلاپ ئەملىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ھەيئەت فايزېرنىڭ تولۇقلىغۇچى ئۈچىنچى شىشە ۋاكسىناسىنى 18 ياشتىن تۆۋەنلەرگە ئەملەش ئۈچۈن قىلىنىۋاتقان سىناق نەتىجىلىرىنىڭ كۈتۈلۈۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر