Twitter تالىبان باياناتچىسىنىڭ سەھىپىسىگە چەكلىمە قويدى

ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter تالىبان باياناتچىسى زەبىھۇللاھ مۇجاھىدنىڭ پارسچە ۋە پەشتۇچە سەھىپىلىرىگە چەكلىمە قويدى.

1714177
Twitter تالىبان باياناتچىسىنىڭ سەھىپىسىگە چەكلىمە قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تالىبان باياناتچىسى ۋە تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ «مۇئاۋىن مەدەنىيەت مىنىستىرى ۋەكىلى» زەبىھۇللاھ مۇجاھىدنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىگە كىرگەنلەر، «دىققەت، بۇ سەھىيە ۋاقىتلىق چەكلەندى» تەرىقىدىسىكى ئىبارىلەرنى كۆردى.

زەبىھۇللاھ مۇجاھىدنىڭ ئىنگلىزچە سەھىپىسىدىكى ئۇچۇرلىرىغا قارىتا Twitter تەرىپىدىن ھېچقانداق چەكلىمە قويۇلمىغانلىقى كۆرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر