ئاۋستىرالىيەدە 12 ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكىلەرگە ۋاكسىنا ئەملەش تەستىقلاندى
ئاۋستىرالىيەدە فايزېر-بىيونتېك (Pfizer/BioNTech) ۋاكسىناسى 12 ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكىلەرگە ئەملىنىدۇ.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاۋستىرالىيە ۋاكسىنا ئەملەش تېخنىكىلىق مەسلىھەت گۇرۇپپىسى دۆلەتلىك دورا تەرتىپكە سېلىش ئىدارىسى فايزېر-بىيونتېك ئىشلەپچىقارغان ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) ۋاكسىناسىنىڭ 12 ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى بارلىق ئاۋستىرالىيەلىكلەرگە ئەملەشنى تەستىقلىدى.
بۇ ھەقتىكى باياناتقا ئاساسلانغاندا، فايزېر-بىيونتېك تەتقىق قىلىپ ياسىغان ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاكسىناسىنىڭ 12 ۋە 15 ياش گۇرۇپپىسىدىكىلەرگە ئەملەش تەستىقلانغان.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى 16 ياشتىن يۇقىرى ئاۋستىرالىيەلىكلەرگە فايزېر-بىيونتېك ۋاكسىناسى ئەملەش تەستىقلانغان ئىدى.
ئاۋستىرالىيە باش مىنىستىرى سكوت موررىسون (Scott Morrison) نىڭ باياناتىدا، مەزكۇر قارار نەتىجىسىدە، 12 ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى بارلىق ئاۋستىرالىيەلىكلەرنىڭ فايزېر-بىيونتېك ۋاكسىناسى ئەملەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ 12 ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكىلەرنىڭ 13-سېنتەبىر (2021) دىن باشلاپ ۋاكسىنا ئەملىتەلەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئافغانىستاندىكى كەلكۈن ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 300 دىن ئاشتى
ئافغانىستاننىڭ باغلان ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 300 دىن ئاشتى.