ھايتى پىرېزىدېنتى ئۆيىدە سۇيىقەستكە ئۇچرىدى
ھايتى پىرېزىدېنتى جوۋېل مويس ئۆيىدە سۇيىقەستكە ئۇچراپ قازا قىلدى.
1671477
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇ ھەقتىكى بايانات ۋاقىتلىق باش مىنىستىر كلاۋۇد جوسېف تەرىپىدىن ئېلان قىلىندى.
كلاۋۇد جوسېف پىرېزىدېنت مويسنىڭ كېچىدە قىلىنغان قوراللىق ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى تەكىتلەپ، پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆزىنىڭ ئۆتكۈزۈۋالغانلىقىنى بىلدۈردى.