ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋاكسىنا گۇاھنامىسى بەلگىلىمىسىنى ئىجرا قىلىشنى رەسمىي باشلىدى

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ساياھەتلەرنى ئاسانلاشتۇرۇش ئۈچۈن تەييارلىغان ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) ۋاكسىنا گۇاھنامىسى بەلگىلىمىسىنى ئىجرا قىلىش، بۈگۈن (2021-يىلى 1-ئىيۇل) باشلاندى.

1667966
ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋاكسىنا گۇاھنامىسى بەلگىلىمىسىنى ئىجرا قىلىشنى رەسمىي باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى چېگرالىرى ئىچىدىكى ساياھەتلەردە ۋاكسىنا گۇاھنامىسى بەلگىلىمىسىنى ئىجرا قىلىش رەسمىي باشلاندى. بۇنىڭ بىلەن، ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىدىن ئايروپىلان بىلەن سەپەر قىلغاندا، ئايروپىلانغا چىقىشتىن بۇرۇن گۇۋاھنامىنى كۆرسىتىش كېرەك.

ياۋروپا ئىتتىپاقى دىجىتال گۇاھنامىسى ھەقسىز بولۇپ، قەغەز ياكى دىجىتال شەكىلدە تەييارلىنىدۇ. ئايرىمىچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە، ۋاكسىنا ئەملەتمىگەن كىشىلەرمۇ گۇاھنامىنى ئالالايدۇ. ۋاكسىنا گۇاھنامىسى كىشىلەرنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاكسىناسى ئەملەتكەن ياكى ئەملەتمىگەنلىكى، ئەملەتكەن بولسا قەيەردە ۋە قايسى ۋاكسىنانى ئەملەتكەنلىكى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى، ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان ئىسپاتنى ۋە ۋۇخەن ۋىرۇسى تەكشۈرۈشىنىڭ مەنپىي نەتىجىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ۋۇخەن ۋىرۇسى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ «PCR» تۈرلىرى، ساياھەتتىن 72 سائەت بۇرۇن كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

تېز تەكشۈرۈش نەتىجىسى 48 سائەت بۇرۇنقى ۋاقىتنى كۆرسىتىدىغان بولسىمۇ، بۇ نەتىجىنى ئېتىراپ قىلىش-قىلماسلىقنى ھەر بىر دۆلەت ئۆزى قارار قىلىدۇ.

ياۋروپا ئىتتىپاقىدا تەستىقلانغان فايزېر، مودېرنا، ئاسترازېنېكا ۋە جونسون ۋە جونسون ۋاكسىنالىرىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىقىنى ئەملىتىپ، ئارىدىن ئىككى ھەپتە ئۆتكەن كىشىلەرگە قوشۇمچە سىناق ياكى كارانتىنغا ئوخشاش چارىلەر كۆرۈلمەيدۇ.

گۇاھنامە، ياۋروپا ئىتتىپاقى پۇقرالىرىغا، قايسى دۆلەتنىڭ پۇقراسى بولۇشتىن قەتئىينەزەر ئائىلىلىرىگە، ياۋروپا ئىتتىپاقىدا تۇرىدىغان، ئەمما ياۋروپا ئىتتىپاقى پۇقراسى بولمىغان كىشىلەر بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىدا ساياھەت قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە كىشىلەرگە بېرىلىدۇ.

ۋاكسىنا گۇاھنامىسى بارلىق ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىكتە، ئىسلاندىيە، نورۋېگىيە ۋە شىۋېيتسارىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ كۈچكە ئىگە بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر