ئامېرىكادا بىر ئامبۇلاتورىيە ھۇجۇمغا ئۇچرىدى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ مىننېسوتا ئىشتاتىدىكى بىر ئامبۇلاتورىيەگە قىلىنغان قوراللىق ھۇجۇمدا 5 ئادەم يارىلاندى.
1580698
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇففالو ساقچى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 67 ياشلىق ئەر زوراۋان ئامبۇلاتورىيەگە قوراللىق ھۇجۇم قىلغان، ھۇجۇمدا 5 كىشى يارىلانغان، گرېگورىي ئۇلرىچ ئىسىملىك زوراۋان قولغا ئېلىنغان.
ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامبۇلاتورىيەنىڭ كارىدورىدىن ۋە زوراۋان تۇرغان مېھمانخانىدىن گۇمانلىق ئورالمىلار تېپىلغان.