سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەردى

سۈرىيەنىڭ شىمالىغا جايلاشقان باب ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىدا بىر پۇقرا قازا قىلدى، تۆت پۇقرا يارىلاندى.

1576303
سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى فىرات قالقىنى ھەرىكىتى (2016- يىلى 8- ئايدىن 2017- يىلى 3- ئايغىچە) ئارقىلىق تېررورچىلاردىن خالىيلاشتۇرغان باب ناھىيەسىنىڭ سانائەت رايونىدا ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، بىر پۇقرا قازا قىلدى، تۆت پۇقرا يارىلاندى.

پارتلاش پەيدا قىلغان ئوت ئاپىتىگە رايوندىكى ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى مۇداخىلە قىلدى.

پارتلاش يېقىن ئەتراپتىدىكى ئاپتوموبىللار بىلەن دۇكانلارغا ماددىي زىيان يەتكۈزدى.

نەق مەيداندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان يەرلىك بىخەتەرلىك قىسىملىرى، ھۇجۇمنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ / پ ك ك تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان بولۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر