پومپېيو ئىستانبۇلدا بارتولومېئوس بىلەن كۆرۈشتى
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ئىستانبۇلنىڭ فاتىھ رايونىدىكى فەنەر رىم پاترىكخانىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.
1529326
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئايا يورگى رىم پاترىكخانە چېركاۋىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغان پومپېيو، ئۇ يەردە شام ياقتى. ئارقىدىن فەنەر رىم پاترىگى 1- بارتولومېئوسنى يوقلىدى؛ ئىككىسىنىڭ يېپىق ئۇچرىشىشى بىر سائەتتىن ئارتۇق داۋاملاشتى.
مايك پومپېيو پاترىكخانەدىكى زىيارىتىدىن كېيىن ئەمىنئۆنۈدىكى رۇستەم پاشا جامەسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.
مايك پومپېيوغا رەپىقىسى سۇسان پومپېيو ۋە ئامېرىكانىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دېيۋىد ساتتېرفىېلد ھەمراھ بولماقتا.
پومپېيو ئىستانبۇلدىكى زىيارىتىدىن كېيىن گىرۇزىيە بارىدۇ.
ئۇ، فىرانسىيەدىن باشلانغان 7 دۆلەت زىيارىتى دائىرىسىدە تۈنۈگۈن كېچە ئىستانبۇلغا كەلگەنىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئافغانىستاندىكى كەلكۈن ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 300 دىن ئاشتى
ئافغانىستاننىڭ باغلان ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 300 دىن ئاشتى.