يەمەندە نۇرغۇن ھۇسىي ئەزاسى ئۆلتۈرۈلدى

يەمەن ئارمىيەسى ھۇدەيدە شەھىرىدە يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 5 ھۇسىي ئەزاسىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

1478105
يەمەندە نۇرغۇن ھۇسىي ئەزاسى ئۆلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەن ئارمىيەسىگە قاراشلىق ئامالىقە ئەترىتىنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئىشخانىسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، ھۇدەيدەنىڭ جەنۇبىدىكى تۇھەيتا ناھىيەسىدە ھۆكۈمەت كۈچلىرىگە ئائىت ھەربىي نۇقتىلارغا ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنغان ھۇسىيلار بىلەن ئەسكەرلەر ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن، توقۇنۇشتا 5 ھۇسىي ئەزاسى ئۆلتۈرۈلگەن.

باياناتتا، توقۇنۇشتا، ھۆكۈمەت كۈچلىرى تەرىپىدىن ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ كۆرۈلمىگەنلىكى توغرۇلۇق مەلۇمات بېرىلمىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر