«ئەردوغان ‹سېۋرېس شەرتنامىسى› دىن ئىتىقامىنى ئالدى»

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «‹لې موندې›  گېزىتى» جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانىڭ «سېۋرېس شەرتنامىسى» دىن ئىنتىقامىنى ئالغانلىقىنى يازدى.

1466032
«ئەردوغان ‹سېۋرېس شەرتنامىسى› دىن ئىتىقامىنى ئالدى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېزىتنىڭ «ئارىدىن يۈز يىل ئۆتكەندىن كېيىن  ‹سېۋرېس شەرتنامىسى› دىن ئىتىقام» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن لىۋىيە باش مىنىستىرى فايىز ئەسسەرراجنىڭ، شىمالىي ئافرىقا ۋە ئاقدېڭىزدا ئىستىراتېگىيەلىك ئويۇننىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئۇنتۇلغۇسىز بىر كېلىشىمنى ئىمزالايدىغان كۆركەم ۋە ھەممە تەرىپىدىن تارىخ پۇراپ تۇرىدىغان بىر جايغا ئېھتىياجى بارلىقى ئەسكەرتىلدى.

خەۋەردە، بۇنىڭ ئۈچۈن ئىستانبۇلدىكى دولماباھچە سارىيىنىڭ مۇكەممەل بىر جاي ئىكەنلىكى، بۇ يەردە ئەردوغان بىلەن سەرراجنىڭ 2019 – يىلى نويابىر بىلەن 2020 – يىلى فېۋرال ئارىلىقىدا كېلىشىم توغرۇلۇق ئۇدا 4 قېتىم كۆرۈشكەنلىكى قەيت قىلىندى.

ترابلۇس ھۆكۈمىتىنىڭ، لىۋىيەگە ھەربىي ۋە ئارقا سەپ تەمىناتى ياردىمى بېرىش بەدىلىگە  «ئەنقەرەنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى ئارزۇسىنى قاندۇرۇش» قا قارىتا دېڭىز ساھەلىرىنىڭ چەك – چېگرالىرىنى تارايىش پىرىنسىپىنى قوبۇل قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن خەۋەردە، ئەردوغاننىڭ، 2019 – يىلى 16 – دېكابىر كۈنى سەرراج بىلەن دولماباھچە سارىيىدا ئىككىنچى قېتىم كۆرۈشكەندىن كېيىن بەرگەن باياناتىدا، «بۇ ھەربىي ۋە ئېنېرگىيە كېلىشىمى سايىسىدا <سېۋرېس شەرتنامىسى> نى يىرتىپ تاشلىدۇق» دېگەنلىكى، ئەردوغاننىڭ «بۇ ئارقىلىق <سېۋرېس شەرتنامىسى> دىن ئىتىقام ئالدۇق» دەپ قارايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ، سۈرىيەدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قاشى كۈرەش قىلىش ئۈچۈن (بۆلگۈنچى) تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ/ پ ك ك  غا ياردەم بەرگەنلىكى تەكىتلەندى.

فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 2016 – يىلقى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇشىدىن كېيىن، تۈركىيەنىڭ سۈرىيە چېگراسىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى كەڭ دائىرىلىك كۈرەشنى قانات يايدۇرۇۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: «مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش تەشەببۇسىدىن كېيىنكى باسقۇچتا، ئەردوغان ۋە ئۇنىڭ ئاشقۇن ئوڭچىل شېرىكلىرىنىڭ نەزىرىدە، مەسىلە يېڭى <سېۋرېس شەرتنامىسى> تۇزىقىدىن ساقلىنىشتۇر.»

خەۋەردە يەنە، ئاياسوفيا جامەسىنىڭ ئىبادەتكە ئېچىلىش تارىخىنىڭ تاسادىپىيلىق ئەمەسلىكى،  دەرۋەقە، 24 – ئىيۇلنىڭ «لوزان شەرتنامىسى» نىڭ 97 – يىل كۈنى ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر