ھىندىستاندا 116 كىشى چاقماق سوقۇش سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلدى

ھىندىستاننىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىدا 116 كىشى چاقماق سوقۇش سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلدى.

1443741
ھىندىستاندا 116 كىشى چاقماق سوقۇش سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «India Today» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، بىھار ئىشتاتلىق ھۆكۈمەت ئىشتاتتىكى ئوخشىمىغان جايلاردا چاقماق چېقىپ ياغقان يامغۇردا، 92 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 20 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

ئۇتتار پرادەش (Uttar Pradesh) ئىشتاتلىق ھۆكۈمەت چاقماق سوقۇش سەۋەبىدىن 24 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 12 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

توختىماي ياغقان يامغۇر سەۋەبىدىن نۇرغۇن بىنا زىيانغا ئۇچرىغان.

ھىندىستان باش مىنىستىرى مودى چاقماق سوقۇش سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلىسىگە تەزىيە بىلدۈردى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر