موزامبىك مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ مىللىي قەھرىمانى سانتوس ئالەمدىن ئۆتتى

پورتۇگالىيە مۇستەملىكىسىگە قارشى كۈرەشنىڭ موزامبىكلىق قەھرىمانى مارسېلىنو دوس سانتوس بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشتى.

1358070
موزامبىك مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ مىللىي قەھرىمانى سانتوس ئالەمدىن ئۆتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت فىلىپې نيۇسى، 2015 – يىلى مىللىي قەھرىمان دەپ ئېلان قىلىنغان سانتوس ئۈچۈن دۆلەت مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

مىڭلارچە موزامبىكلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق قايغۇلىرىنى ئىپادىلەشتى، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەسى – ئافرىقا مىللىي قۇرۇلتىيىمۇ سانتۇس ئۈچۈن تەزىيە تېلېگراممىسى تارقاتتى.

سالامەتلىكى ناچارلىشىپ كەتكەن سانتوس، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۆيىدىن سىرتقا چىقالمىغانىدى.

پورتۇگالىيە مۇستەملىكىسىگە قارشى 1962 – يىلى قۇرۇلغان موزامبىك ئازادلىق پىرونتىنىڭ قۇرغۇچى ئەزالىرىنىڭ بىرى بولغان، ئۇزۇن يىللار بويىچە پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن سانتوس، ھاياتىنى دۆلىتىگە بېغىشلىغان بىر لىدېر دەپ قارىلىدۇ.

مۇستەقىللىق كۈرىشىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان يىللىرىدا موزامبىك ئازادلىق پىرونتىنىڭ باشلىقى ئېدۋاردو موندلېن بومبىلىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ ئۆلگەندىن كېيىن، پارتىيەنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان سانتوس، شائىرلىقى بىلەنمۇ نام چىقارغانىدى.

ئۇ، ياش چېغىدا ئوقۇش ئۈچۈن بارغان پورتۇگالىيەنىڭ پايتەختى لىزبون ۋە فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا، مۇستەملىكىچىلىككە قارشى ناھايىتى كۆپ تەشكىلاتنىڭ قۇرغۇچىلىقى ۋە باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر