موزامبىكتە يۈز بەرگەن بوران - چاپقۇن ۋە سۇ ئاپەتلىرىدە نۇرغۇن كىشى ئۆلدى
جەنۇبىي ئافرىقا دۆلەتلىرىدىن موزامبىكتە مەيدانغا كەلگەن بوران - چاپقۇن ۋە سۇ ئاپەتلىرىدە 447 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، ياردەمگە مۇھتاج كىشىلەرنىڭ سانى 2 مىليونغا يەتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئىشخانىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، موزامبىكتە يۈز بەرگەن بوران - چاپقۇن ۋە سۇ ئاپەتلىرى سەۋەبىدىن 447 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 15 مىڭدىن ئارتۇق كىشى يارىلانغان بولۇپ، كەم دېگەندە 1 مىليون 850 مىڭ كىشى جىددىي ياردەمگە ئېھتىياجلىق ئىكەن.
ئاپەتلەر كەڭ كۆلەملىك ئىنسانىي تىراگېدىيەنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرى ئېغىر دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىغان، كۆپلىگەن ئۆيلەر ئۆرۈلۈپ چۈشكەن، دېھقانچىلىق مەيدانلىرى ۋەيران بولغان، ئاپەتلەردىن كېيىن يېمەك - ئىچمەك ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەمگە بولغان ئېھتىياج كۆپىيىپ كەتكەن.
جەنۇبىي ئافرىقا دۆلەتلىرىدىن مالاۋى، موزامبىك، زىمبابۋېنى ئېغىر تالاپەتكەن ئۇچراتقان بوران - چاپقۇن ئاپىتى نەتىجىسىدە رايوندىكى مىڭلارچە ئۆي ۋە يول ۋەيران بولغان، يۇقۇملار كېسەللىكلەر تارقاشقا باشلىغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئافغانىستاندىكى كەلكۈن ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 300 دىن ئاشتى
ئافغانىستاننىڭ باغلان ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 300 دىن ئاشتى.