ئىسلامىي فوندى جەمئىيەتلەر ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى قويۇپ بېرىلدى

ئىسرائىلىيە سوت مەھكىمىسى قۇددۇس ئىسلامىي فوندى جەمئىيەتلەر ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى فىراس دىبسنى كاپالەت بەدىلىگە قويۇپ بەردى.

1122182
ئىسلامىي فوندى جەمئىيەتلەر ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى قويۇپ بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەربىي قۇددۇسكى ئىسرائىلىيە مۇرەسسە سوت مەھكىمىسى، ئىسرائىلىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن ئالدىنقى كۈنى قولغا ئېلىنغان ئىيوردانىيە فوندى جەمئىيەتلەر ۋە ئىسلامىي خىزمەتلەر مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق قۇددۇس ئىسلامىي فوندى جەمئىيەتلەر ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى فىراس دىبىسنى كاپالەت بەدىلىگە قويۇپ بەردى.

سوت مەھكىمىسى يەنە، دىبىسنى شىكايەت قىلغان ۋە مەسجىدى ئەقسانىڭ دەرۋازىلىرىنى قوغدايدىغان بىر ئىسرائىلىيە ساقچىسىغىمۇ 90 كۈنلۈك ئىشتىن بوشىتىش جازاسى بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر