ئانگولا ئامېرىكا مۇراسىمىغا قاتناشقان دىپلوماتىنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىدى

ئانگولا ھۆكۈمىتى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ  قۇددۇس باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان دىپلوماتىنى ۋە بۇنى تەستىقلىغان رايون دىرېكتورىنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىدى.

977428
ئانگولا ئامېرىكا مۇراسىمىغا قاتناشقان دىپلوماتىنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئانگولا خەۋەر ئاگېنتلىقى (ANGOP) نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مانۇئېل ئائۇگۇستو ئانگولانىڭ تېل ئاۋىۋ باش ئەلچىخانىسى مەسلىھەتچىسى جوئاۋ دىئوگو فورتۇناتو ۋە ئۇنىڭغا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ قۇددۇس باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ھوقۇقى بەرگەن ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا شەرق رايونلۇق دىرېكتورى جوئاچۇئىم دو ئېسپىرىتو سانتونى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىدى.

مىنىستىرلىق مەزكۇر ئىككى شەخسنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىش سەۋەبىنىڭ، ئىككى دىپلوماتنىڭ دۆلەتنىڭ ئىچكى قارارلىرىغا رىئايە قىلماسلىقى ۋە دۆلەتنىڭ نوپۇزىغا زىيان يەتكۈزۈشى ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

دۆلەتنىڭ رەسمىي گېزىتىمۇ، مەزكۇر دىپلوماتلارنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىش سەۋەبىنىڭ، باش ئەلچىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ قۇددۇس باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشى، دىرېكتورنىڭ بۇنى تەستىقلىشى ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

پەلەسىتنلىكلەر ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تېل ئاۋىۋدىكى باش ئەلچىخانىسىنى قۇددۇسقا يۆتكىشى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ قۇرۇلۇش مەزگىلى بولغان نەقبە (بۈيۈك پالاكەت) نىڭ 70 – يىللىقىنى لەنەتلەش ئۈچۈن 14 – ماي كۈنى قامال ئاستىدىكى غەززە چېگراسىدا نامايىشلارنى ئۆتكۈزگەنىدى.

تىنچ ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلارغا مۇداخىلە قىلغان ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ھۇجۇملىرىدا 65 پەلەسىتنلىك شېھىت بولغان، 3 مىڭدىن ئارتۇق كىشى يارىلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر