ستراتونىكيا قەدىمكى شەھىرى

تۆۋەندە نەسىلخان دەگىرمەنچىئوغلۇ تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئانادولۇنىڭ تۇنجىلىرى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا، ستراتونىكيا قەدىمكى شەھىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.

1907245
ستراتونىكيا قەدىمكى شەھىرى

ستراتونىكيا قەدىمكى شەھىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئانادولۇنىڭ نەچچە ئون مىڭ يىللىق ھېكايىسى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر - بىرىدىن قىزىقارلىق مىساللارغا تولغان بولۇپ، ئويلىمىغان يەردىن ئىنساننىڭ كۆز ئالدىدا نامايان بولىدۇ؛ قەدىمكى دەۋرلەردىن ئىلگىرىكى چاغلاردىكى مۇقەددەس مۇراسىملار ئۆتكۈزۈلىدىغان رايون ياكى زۇلۇمدىن قاچقانلار پاناھلانغان ئۆڭكۈرلەر... ئىنسانىيەتنىڭ نۆل نۇقتىسى ياكى ئەسىرلەرگە دوئېل ئېلان قىلغان تەڭداشسىز قۇرۇلمىلار...  يەنە سىزنى زامان سەيلىسى تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىدىغان نۇرغۇن نەرسىلەر... ئانادولۇ جۇغراپىيەسى بۇلارغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگەن مۇكەممەل جاي! تۆۋەندە دۇنيادا مىسلى تېپىلمايدىغان ستراتونىكيا قەدىمىي شەھىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.

* * * * *

ستراتونىكيا قەدىمكى شەھىرى ئانادولۇنىڭ غەربىدىكى مۇغلاغا جايلاشقان. كىشىلەر مىس قوراللار دەۋرىدىن باشلاپلا بۇ يەردە ئۈزلۈكسىز ئولتۇراقلىشىپ كەلگەن. ئەمما ئۇنى باشقا ئولتۇراق رايونلىرىدىن پەرقلەندۈرۇپ تۇرىدىغان ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىك، ئۇنىڭ نۇرغۇن دەۋرلەرنى بىرلىكتە كۆرگىلى بولىدىغان ئولتۇراق رايونى بولۇشىدۇر. چۈنكى بۇ يەردە قەدىمكى دەۋرلەردىن باشلاپ رىم، ۋىزانتىيە، سەلجۇق، ئوسمانلى ۋە جۇمھۇرىيەت دەۋرى قۇرۇلۇشلىرىنىڭ سىمالىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ. بۇ يەردە مەزكۇر دەۋرلەرنىڭ ھەممىسى بىر- بىرى بىلەن زىچ گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ھەممىسىنى بىرلا ۋاقىتتا كۆرگىلى بولىدۇ.

ستراتونىكيا قەدىمكى شەھىرى 3000 يىللىق تارىخقا ئىگە خارابىلەرگە ساھىبخانلىق قىلماقتا. ستراتونىكيا ئادەتتىكى شەھەرلەردىن ئالاھىدە پەرقلىنىدۇ. چۈنكى شەھەر كوچىلىرىدا مېڭىۋېتىپ ئۆتمۈشكىمۇ، بۈگۈنگىمۇ شاھىت بولغىلى بولىدۇ. قەدىمكى شەھەرنى زىيارەت قىلغۇچىلار رىم دەۋرىدىن قالغان تىياتىرخانىنىمۇ، سەلجۇقىيلار دەۋردىن قالغان مۇنچىنىمۇ كۆرەلەيدۇ. بىر تەرەپتە رىم دەۋرىگە تەۋە پارلامېنت (مەجلىس) بىناسى، يەنە بىر تەرەپتە، ئوسمانلى دەۋرىدىن قالغان بىر جامە بار… دۇنيادىكى ھېچقانداق بىر يەردە بىرلا يەردە بىرلا ۋاقىتتا ئوخشىمىغان دەۋرلەرگە تەۋە بۇنچىلىك كۆپ قۇرۇلۇشنى ئۇچراتقىلى بولىدىغان باشقا قەدىمكى شەھەر يوق. ستراتونىكيا شۇڭلاشقا مىسلىسىزدۇر، شۇڭلاشقا ب د ت مائارىپ، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتى — يۇنېسكونىڭ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالماقتىدۇر.

* * * * *

بەزى مەنبەلەرگە قارىغاندا، ستراتونىكيا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ مەرمەر قەدىمىي شەھەر بولۇپ، ھىرودوت، سترابو ۋە پاۋسانىيا قاتارلىق قەدىمكى دەۋر يازغۇچىلىرى ئەسەرلىرىدە بۇ يەرگە ناھايىتى يۇقىرى باھا بېرىدۇ. ستراتونىكيا «گىلادىئاتور شەھىرى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. چۈنكى گلادىئاتورلار بۇ يەردە تەربىيەلىنەتتى ۋە ئېلىشىشنى تاشلىغاندىن، باشقىچە ئېيتقاندا، دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىن بۇ يەرگە ئورۇنلىشاتتى.

ستراتونىكيادا ئانادولۇنىڭ ئەڭ ھەيۋەتلىك چېنىقىش ئۆيلىرىنىڭ بىرى بار بولۇپ، ياشلار ئۇ  يەردە ھەم تەنتەربىيە بىلەن شۇغۇللىناتتى ھەم ئېلىشىش مەشقى قىلاتتى. بۇ يەر يەنە، خېكاتې ۋە زېئۇسقا بېغىشلانغان ئىككى چوڭ مۇقەددەس جايغا ئىگە بىردىنبىر شەھەر دۆلىتى. بۇ شەھەردە تەبىئىي تاغ باغرىغا سېلىنغان 15 مىڭ كىشىلىك تىياتىرخانىمۇ بار.

ستراتونىكياغا يېقىن يەرگە ئۆز دەۋرىنىڭ دىنىي مەركىزى لاگىنا قەدىمكى شەھىرى جايلاشقان بولۇپ، بۇ ئىككى شەھەر بىر - بىرىگە مۇقەددەس رىشتە بىلەن باغلانغان. لاگىنا ئوسمانلى دەۋرىدە غەربىي ئانادولۇدا ئوسمان ھەمدى ئەپەندى باشچىلىقىدا باشلانغان تۇنجى ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش رايونى بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە..

* * * * *

ستراتونىكيادا يېقىنقى مەزگىللەردە ئېلىپ بېرىلغان قېزىش جەريانىدا، 1600 يىللىق تارىخقا ئىگە موزايكىلار قېزىۋېلىنشقا باشلاندى. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ موزايكىلارنى ياتقۇزۇش ئۈچۈن قەدىمكى ئەفەس شەھىرىدىن ئۇستىلار كەلگەن.

شەھەرگە كىرگىنىڭىزدە، سىزنى ئوسمانلى ۋە جۇمھۇرىيەت دەۋرى كەنت مەيدانى قارشى ئالىدۇ. سەل ئىلگىرىلىسىڭىز، ئۆزىڭىزنى يۇنان، رىم ۋە ۋىزانتىيە دەۋرىدىن قالغان تۈۋرۈكلۈك كوچىلاردا مېڭىۋاتقان ھالەتتە كۆرىسىز. گويا زامان تونېلىدا ساياھەت قىلىپ، نەچچە ئەسىر بۇرۇنقى ئۆتمۈشكە قايتقاندەك ھېس قىلىسىز. ئاندىن ئالدىڭىزغا سەلجۇقىيلار دەۋرىگە تەۋە قۇرۇلۇشلار چىقىدۇ. بۇ ئەھۋال سىزنى سەل گاڭگىرىتىپ قويۇشى مۇمكىن. چۈنكى سىز ھەم ھازىرنىڭ ھەم ئۆتمۈشنىڭ قوينىدا تۇرۇۋاتسىىز… گەرچە بۇ يەردە بىرلا قەدىمىي شەھەرنى زىيارەت قىلىسىڭىزمۇ، بىرلا دەۋرنىڭ مەدەنىيەت ئىزنالىرىغا شاھىت بولمايسىز. بۇ تۈۋرۈكلۈك كوچىلىرى، چېنىقىش ئۆيى، پارلامېنت بىناسى، مۇنچىلىرى، جامەلىرى ۋە ئوسمانلى دەۋرى ئۆيلىرى بىلەن ھەقىقەتەن زىيارەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان جەلپكار جاي. بۇ ئۆزگىچە شەھەرنى ساياھەت قىلىش سىزگە باغلىق.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر