كۇتاھيا كاھىشى

تۈركىيەنىڭ رايونلارغا خاس تىزىمغا ئېلىنغان مەھسۇلاتلىرى -20

2138515
كۇتاھيا كاھىشى
13  MAYIS KÜTAHYA ÇİNİSİ

كۇتاھيا كاھىشى

ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تۈركىيەنىڭ رايونلارغا خاس تىزىمغا ئېلىنغان مەھسۇلاتلىرى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، « كۈتاھيا كاھىشى» نى تونۇشتۇرىمىز.

كۈتاھيا كاھىشىنىڭ تۈركىيەنىڭ رايونلارغا خاس مەھسۇلاتلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ۋاقتى: 25.04.2005

****** ********* ******

  تۈركىيەنىڭ ئەگە دېڭىزى رايونىغا جايلاشقان تارىخىي كۈتاھيا شەھىرى بېزەكچىلىك سەنئىتىنىڭ ئىنتايىن ئالاھىدە ئۈلگىسى بولغان كاھىشلىرى بىلەن داڭلىق. شۆھرىتى تۈركىيەنىڭ چېگراسىدىن ھالقىغان «كۈتاھيا كاھىشى» 2005 - يىلى كۈتاھيا تىككۈچىلەر، فوتوگراف ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىك سودىگەرلىرى ئۇيۇشمىسىنىڭ ئىلتىماسى بىلەن تۈركىيەنىڭ رايونلارغا خاس تىزىمغا ئېلىنغان مەھسۇلاتلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن ئىدى.

كاھىش لاي، كاۋلىن، كۋارتس ۋە ھاك تېشى قاتارلىق ئانئورگانىك ماددىلارنى مۇۋاپىق نىسبەتتە ئارىلاشتۇرۇپ ئىزىش، قۇرۇتۇش، شەكىلگە كىرگۈزۈش ۋە ئاندىن مۇۋاپىق ئىسسىلىقتا پىشۇرۇش بىلەن ھازىرلىنىدۇ. بۇ ئاق رەڭلىك مەھسۇلات سۈزۈك ياكى رەڭلىك سىر بىلەن سىرلىنىپ، ئىككىنچى قېتىم قايتا پىشۇرۇش بىلەن تەييارلىنىدۇ. ئاندىن تام بېزەشتە ئىشلىتىلىدىغان كاھىش، تەخسە، قاچا ۋە ئۇششاق-چۈششەك بۇيۇملاردىن ئىبارەت خاتىرە بۇيۇملىرىنىڭ شەكلىگە كىرگۈزۈلىدۇ.

كاھىش سەنئىتىنىڭ ئەمگەك ۋە ماھارەت تەلەپ قىلىدىغان نۇرغۇن ساھەسى بار. بولۇپمۇ نەقىشلەرنى موتىف بىلىملىرىگە ئىگە ئۇستىلار ۋە ماھارەتلىك قوللار تەييارلايدۇ.  كۈتاھيا كاھىشلىرىدا ئىشلىتىلگەن نەقىشلەر پىكىر مۇلكىيەت ھوقۇقى ھەممىگە ئوچۇق بولغان تۈرك مەدەنىيەتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ھېسابلىنىدۇ. لالە، نىلۇپەر، قىزىلگۈل، ياپراق چېچەك، سۇمبۇل ۋە باشقا نۇرغۇن گۈل نەقىشلىرى كاھىش ئەندىزىسىنىڭ ئۇل تېشى ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇرلاردىن كۈنىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن تەخمىنەن مىڭ يىلغا يېقىن تارىخقا ئىگە كاھىش ئىشلەپچىقىرىش سەنئىتى ئانادولۇدا سەلجۇقىيلار دۆلىتى ۋە ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىدە ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە يەتكەن ئىدى. شۇڭا، كونيا، سىۋاس، قەيسەرى، مالاتيا ۋە ئەرزۇرۇم قاتارلىق نۇرغۇن ئولتۇراق رايون مەركەزلىرىدە مەۋجۇت بولغان ۋە ھازىرمۇ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ كەلگەن تارىخىي ئىمارەتلەردىن باشقا يەنە، بۇرسا، ئەدىرنە، ئىستانبۇلدىكى چوڭ ۋە تارىخىي جامەلەرنىڭ كۈتاھيا كاھىشلىرى بىلەن بېزەلگەنلىكىنى كۆرىمىز.

     



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر