ئىگنەئادا سازلىق ئورمانلىقى

نەسىلخان دەگىرمەنچىئوغلۇ تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئانادولۇنىڭ تۇنجىلىرى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا، تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ، دۇنيانىڭ ئاز ساندىكى سازلىق ئورمانلىقىنىڭ بىرى بولغان ئىگنەئادا ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.

1898385
ئىگنەئادا سازلىق ئورمانلىقى

ئىگنەئادا سازلىق ئورمانلىقى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دەۋرىمىزدە پىيادە يول يۈرۈشنىڭ سالامەتلىككە پايدىلىق بىر خىل تەنھەرىكەت تۇرى ئىكەنلىكى ھەممەيلەنگە ئايان. ئەمما، سىز دەرەخزارلىق ياكى يېشىللىق ئارىسىدا ماڭغاندا بۇ ئۈنۈمنىڭ تېخىمۇ ئاشىدىغانلىقىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟ 1980- يىللارنىڭ باشلىرىدا ياپونىيەدە خىزمەت ئالدىراشچىلىقى ۋە شەھەر تۇرمۇشىنىڭ بېسىمىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئۆزگىچە بىر خىل ئادەت شەكىللەندى. كىشىلەرنىڭ ۋاقتىنى دالىدا ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق تېنىنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، بېسىمدىن قۇتۇلىدىغانلىقى پىكرىنى ئاساس قىلغان بۇ ئادەت، «دالا مۇنچىسى» دەپ تەرجىمە قىلىشقا بولىدىغان «شىنرىن يوكۇ» ئىدى. تەكشۈرۈش نەتىجىلىرى، ھېچقانداق ئىش قىلماستىن پەقەت دالىدا ۋاقىت ئۆتكۈزۈشنىڭمۇ بېسىم ھورمۇنىنى ئازايتىپ، يۈرەكنىڭ سوقۇش رىتىمىنى تۆۋەنلىتىدىغانلىقىنى، دالىدا سەيلە قىلغاندا بولسا، بۇنىڭ تېخىمۇ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تۈركىيەدە دالا ھاۋاسىنى سۈمۈرۈش ئارقىلىق بېسىمدىن پۈتۈنلەي قۇتۇلغىلى ۋە ھەر خىل يېشىللارنى كۆرگىلى بولىدىغان نۇرغۇن جايلار بار. ئەمما، بۈگۈن سىلەرگە تۈركىيە ۋە ياۋروپانىڭ قارىغاي ۋە دۇب دەرەخلىرىدىن تەركىب تاپقان ئەڭ چوڭ سازلىق ئورمانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىمىز.

* * * * *

ئېقىن سۇلار ئېقىتىپ كەلگەن سېغىز، قۇم ۋە شېغىللار سۇ دېڭىزغا قۇيۇلىدىغان يەردە يىغىلىپ توسما ھاسىل قىلىدۇ-دە، ئېقىن سۇلارنىڭ دېڭىزغا قۇيۇلۇشىغا توسالغۇ پەيدا قىلىپ، كەينىگە تېشىش ئارقىلىق ئۇ جاينى سۇ بىلەن تولدۇرۇشقا باشلايدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، بۇ جايدا سازلىقلار، كۆللەر، ئۆستەڭ ۋە ئورمانلىقلار شەكىللىنىدۇ. سۇ ئىچىدىكى بۇ خىل ئورمانلىقلار «سازلىق ئورمىنى»، «سۇلۇق ئورمان»، «سۇباسار ئورمىنى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئەپسۇسكى، ئىنسانلارنىڭ چېقىلىشلىرى سەۋەبلىك، ئامازون ۋە كونگو ئويمانلىقىدىن باشقا، دۇنيامىزدا چوڭ سازلىق ئورمىنى يوق. بىز بۈگۈن توختىلىپ ئۆتىدىغان ئىگنەئادا سازلىق ئورمانلىقى تۈركىيە ۋە ياۋروپادىكى قارىغاي ۋە دۇب دەرىخىدىن تەركىب تاپقان ئەڭ چوڭ سازلىق ئورمانلىقى دەپ قارىلىدۇ. قىرقلارئەلىدىكى بۇ ئورمانلىقنىڭ ئاستى سۇ بىلەن تولغان بولۇپ، نۇرغۇن جانلىقلارغا ئۆزگىچە ماكان ھازىرلاپ بەرمەكتە. دەرۋەقە، ياۋروپادا پەقەت تراكيانىڭ قارا دېڭىز قىرغاقلىرىدىلا كۆرگىلى بولىدىغان بىر قىسىم ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋانات تۈرلىرى بېرن ئەھدىنامىسى ئاستىدا قوغدالماقتا. چۈنكى پەقەت ئىگنەئادا سازلىق ئورمانلىقىدىلا ياشايدىغان بۇ جانلىقلار، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان جانلىقلار تۈرلىرى كىرگۈزۈلىدىغان «ياۋروپا قىزىل رەڭلىك تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈلگەن.

كۆل، قومۇشلۇقلار ۋە دېڭىز بويىدىكى ئۆستەڭدىن تەركىب تاپقان ئىگنەئادا سازلىق ئورمانلىقى، ئۆزگىچە ئېكولوگىيەلىك سىستېمىغا ئىگە ئىنتايىن نازۇك تەڭپۇڭلۇقنى ئاساس قىلغان بولۇپ، سۇنىڭ چوقۇم مول ۋە ئۈزلۈكسىز بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. سۇنىڭ مىقدارى تۆۋەنلىگەندە، بۇ خىل ئورمانلىق تىپى ئالاھىدىلىكىنى يوقىتىدۇ-دە، ئېكولوگىيەلىك سىستېمىنىڭ بىر قىسمى يوقىلىدۇ.

ئورمانلىقتىكى كۆللەرنىڭ ئەڭ چوڭى مەرت كۆلىدۇر. ئورمانلىقنى پىيادە مېڭىپ سەيلە قىلىشنى خالايدىغانلارغا ئوخشاشلا كۆلدە قولۋاق ھەيدەشنى ياخشى كۆرىدىغانلارنىڭ سانىمۇ ئاز ئەمەس. چۈنكى قولۋاق ئورمانلىقنىڭ پىيادە بارغىلى بولمايدىغان يەرلىرىگە يېتىپ بارالايدۇ. قىسقىسى، ھەۋەسكارلار بۇ يەردە ياپيېشىل تەبىئەتنىڭ ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈشلىرىدىن ھۇزۇرلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ.

* * * * *

ئىگنەئادا سازلىق ئورمانلىقى كىشىنى ھەر پەسىلدە باشقا بىر دۇنياغا تەكلىپ قىلىدۇ؛ كۈزدە سېرىق ۋە قىزغۇچ سېرىق رەڭلەرگە پۈركىنىدۇ، قىشتا ئاپئاق قارلار ئاستىدىكى چۆچەك ئورمان مەنزىرىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئەتىيازدا ياپيېشىل ئۆسۈملۈك ۋە يوپۇرماقلار بىلەن تەبىئەتنىڭ گۈللىنىشىگە شاھىت بولىدۇ. بۇ يەر سۇ ئىچىدىكى دەرەخلىرى، يۇمران ئۆسۈملۈكلىرى، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تۈرلىرى بىلەن پۈتۈنلەي ئۆزگىچە بىر دۇنيا. ئىگنەئادا سازلىق ئورمانلىقى بىزنى تەبىئەت ۋە تەبىئىي گۈزەللىكلەردىن ھۇزۇرلاندۇرىدىغان يوشۇرۇن جەننەتتۇر.

ئىگنەئادا قۇشلارنىڭ كۆچۈش يولىغا جايلاشقان بولغاچقا، بۇ يەردە قۇشلارنى تاماشا قىلغىلى بولىدۇ. بۇ ئورمانلىق ئەتراپىدا يەنە ۋېلىسىپىت ساياھىتى قىلىش، فوتو – سۈرەتلەرنى تارتىش ۋە يۆنىلىش تېپىش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشقا بولىدۇ. ئۆتمۈشكە قىزىقىدىغانلار گېنو قەلئەسىنى، تراكيان ئۆيلىرىگە ئوخشايدىغان قومۇش ئۆيلەرنى، ئىگنادا ئەتراپىدىكى تۆپىلىك ۋە دۆڭلۈكلەرنى زىيارەت قىلالايدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر