مور گابرىئېل موناستىرى

نەسىلخان دەگىرمەنچىئوغلۇ تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئانادولۇنىڭ تۇنجىلىرى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا، ماردىن مىدياتتىكى مور (ئەۋلىيا) گابرىئېل موناستىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.

1886217
مور گابرىئېل موناستىرى

مور گابرىئېل موناستىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئانادولۇ نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان قەدىمكى مەدەنىيەتلەرگە باغرىنى ئېچىپ، ئوخشىمىغان كۈلتۈر ۋە دۆلەتلەرنى ياشنىتىپ كەلدى؛ مەدەنىيەتلەر بۇ زېمىنغا ئارقا - ئارقىدىن يېتىپ كېلىپ تەرەققىي قىلدى. ئانادولۇ زېمىنلىرى ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنى كەڭ قورساقلىق ۋە ھۆرمەت بىلەن قارشى ئېلىپ، ئوخشىمىغان ئەنئەنە، ئوخشىمىغان تىل ۋە ئوخشىمىغان ئېتىقادلار بىلەن يۇغۇرۇلغان ماكانغا ئايلاندى. شۇنداق، ئانادولۇ بۇ ئېتىقادلارنىڭ نۇرغۇن مۇقەددەس جايلىرى ۋە بىناكارلىق قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ماكانىدۇر. بۇ يەر نەچچە مىڭ يىلنىڭ شاھىتلىقى، مىسلى كۆرۈلمىگەن «تۇنجىلار» ۋە «ئەڭ قەدىمكى يادىكارلىقلار» نى كۆز ئالدىمىزدا نامايان قىلىدۇ. شۇ ۋەجىدىن، سەھىپىمىزدە بايان قىلغانلىرىمىزنىڭ كۆپىنچىسى، ئانادولۇنىڭلا ئەمەس، بەلكى دۇنيانىڭمۇ تۇنجىلىرىدىندۇر.

مور گابرىئېل موناستىرىمۇ بۇ زېمىنلاردىكى مەدەنىيەت بايلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان، ئانادولۇ موزايكىسىنى تەشكىل قىلىدىغان مۇھىم جايلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ؛ مور گابرىئېل موناستىرى ئاسسۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ۋەتىنى ھەمدە مۇقەددەس ماكانى دەپ قارايدىغان تۇر ئابدىن رايونىغا جايلاشقان. ئاسسۇرلار بۈگۈنكى ماردىننىڭ مىديات رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان جاينى تۇر ئابدىن دەپ ئاتايدۇ. خىرىستىيان دىنىنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدىن باشلاپلا بۇ رايوندا نۇرغۇن دۇئا -تىلاۋەت سورۇنلىرى ۋە موناستىرلار سېلىنىدۇ. سېلىنىش ئۇسلۇبى پەرقلىق بولغان بۇ قۇرۇلۇشلار، ئاسسۇر ئورتودوكس جامائىتىنىڭ ئۆزگىچە بىناكارلىق يادىكارلىقلىرى دەپ قارىلىدۇ.

بۈگۈنكى كۈندە تۇر ئابدىن، باشقىچە ئېيتقاندا، ماردىن مىديات ئەتراپى كېيىنكى قەدىمكى ۋە ئوتتۇرا ئەسىر چېركاۋ ۋە موناستىرلىرى بىلەن ب د ت مائارىپ، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتى — يۇنېسكونىڭ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى مۇۋەققەت تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالماقتا. ئەنئەنسى، كۈلتۈرى ۋە قەدىمكى خەلقلىرى بىلەن بۈگۈنى ۋە ئۆتمۈشى ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەن رايون. مور گابرىئېل موناستىرى دۇنيادىكى ھازىرمۇ ئىشلىتىلىۋاتقان ئەڭ قەدىمكى ئاسسۇر ئورتودوكس موناستىرى بولۇپ، 1600 يىللىق تارىخقا ئىگە بۇ موناستىر، ئاسسۇر تىلىدا «ھايات موناسىتىرى» ياكى «پوپلار ئۆيى» دېگەن مەنىدە «دەيرۇلئۇمۇر» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. «مور» سۆزى «ئەۋلىيا» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

* * * * *

مور گابرىئېل موناستىرىمۇ باشقا بارلىق موناستىرلارغا ئوخشاش نورمال تۇرمۇش ئېقىمىدىن يىراق، كىشىلەر ئاسانلىقچە يېتىپ بارالمايدىغان دۇب دەرەخزارلىقىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئېگىز بىر يەرگە — مەزكۇر رايونغا خاس باشقا قۇرۇلۇشلارغا ئوخشاش — سېرىق ھاك تېشىدىن ياسالغان بولۇپ، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان تاش ھۈنەرۋەنچىلىكى، ھەيۋىتى ۋە زامانغا دوئېل ئېلان قىلىشى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. كۆرگەنلەر ئۇنىڭ نەچچە يۈز يىل بۇرۇن ياسالغانلىقىغا ئىشىنەلمەيلا قالىدۇ.

دۇنيانىڭ ئەڭ قەدىمكى موناستىرى مور گابرىئېلدا «ھەزرىتى ئىسانىڭ قېنى ۋە گۆشى»گە سىمۋوللۇق قىلىدىغان بولغاچقا، ئۈزۈم ۋە ئاسما نەقىشلەر كۆپلەپ ئىشلىتىلگەن بولۇپ، بىنا خىلۋەتگاھلىرى، مۇنارى، گۈمبەزلىك قۇرۇلۇشلىرى ۋە بالكونلاردىن تەركىب تاپىدۇ. لېكىن، بىنانىڭ چوڭ چېركاۋ، مەريەم ئانا چېركاۋى، چۆمۈلدۈرۈش ئۆيى ۋە ئەۋلىيالار ئۆيىدىن ئبىارەت تۆت بۆلىكى زىيارەتچىلەرگە ئوچۇق. چوڭ چېركاۋنىڭ ئالتۇن موزايكىلىق تۇرۇسلىرى ئالاھىدە دىققەتنى تارتىدۇ. دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمكى موزايكا ياپقۇچلىرىنىڭ بىرى بولغان بۇ موزايكا، تۈركىيەدىكى ئەڭ قەدىمكى ئۆگزە موزايكىسى ھېسابلىنىدۇ. ئەپسۇسكى، موڭغۇل ئىستېلاسى مەزگىلىدە بۇ قۇرۇلۇشنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى بۇلاڭ-تالاڭ ۋە ۋەيران قىلىنغان.

موناستىرنىڭ دىققەتنى تارتىدىغان يەنە بىر يېرى ئەۋلىيالار ئۆيىدۇر. بۇ يەردە ئون بەش ئورۇنغا دەپنە قىلىنغان ئون ئىككى مىڭ پوپنىڭ قەبرىسى بار. ئەۋلىيالار ئۆيى تۇر ئابدىن رايونىدىكى ئەڭ چوڭ مەقبەرىلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. پوپلار بۇ قەبرىلەرگە شەرق تەرەپكە قاراپ ئولتۇرغان ھالەتتە دەپنە قىلىنغان. بۇ موناستىرغا ئىسمى قويۇلغان مور گابرىئېل بولسا، كەمتەرلىكنىڭ نامايەندىسى سۈپىتىدە تاۋۇتقا سېلىپ ئەمەس، بەلكى يەرگە ئولتۇرغان ھالەتتە دەپنە قىلىنغان.

مور گابرىئېل موناستىرى، ئاسسۇرلار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئۇلار ئۇنى ئىككىنچى قۇددۇس دەپ قارايدۇ. دىنىي تەلەپلەرنى ئورۇنداش ئارقىلىق موناستىرنى يەتتە قېتىم زىيارەت قىلغانلار ھاجى بولغان بولىدۇ.

ئاسسۇرلار مېسوپوتامىييەدىكى قەدىمكى مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، خىرىستىيان دىنىنى قوبۇل قىلغان تۇنجى خەلق ھېسابلىنىدۇ. 5500 يىللىق تارىخقا ئىگە بۇ مىللەت، بۇ زېمىنلاردا نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان ياشناپ كەلگەن ئانادولۇ بايلىقىنىڭ نامايەندىسىدۇر.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر