تۈركىيە كوماندىسى مۇسابىقىنى يۇقىرى ئۈستۈنلۈك بىلەن ئاخىرلاشتۇردى

تۈركىيە-مولدوۋا مۇسابىقىسى «يېڭى ئەسكىشەھىر مەيدانى» دا ئۆتكۈزۈلدى. مولدوۋا كوماندىسىنىڭ ۋاراتاسىغا، تۈركىيە كوماندىسىنىڭ ماھىرلىرىدىن ھاسان ئەلى بىر توپ، قائان ئايخان بىر توپ، جەڭ توسۇن ئىككى توپ كىرگۈزدى. تۈركىيە كوماندىسى بۇ نەتىجە بىلەن، 2020-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى H گۇرۇپپىدىكى شاللاش مۇسابىقىلىرىدە، نومۇرىنى 6 گە چىقاردى.