ئىسىرائىلىيە سۈرىيەنىڭ جەنۇبىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى

ئىسىرائىلىيە سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى كۇنەيترا ۋىلايىتىگە قاراشلىق بائاس ۋە ھادار رايونىنى تانكا ۋە زەمبىرەكلەر بىلەن بومباردىمان قىلدى. كۇنەيترا ۋىلايىتىدىكى يەرلىك مەنبەلەردىن ئېلىنغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئىسىرائىلىيە قىسىملىرى ئىشغال ئاستىدا تۇتۇۋاتقان گولان ئېگىزلىكىدىن ھۇجۇم قىلغان.