كولومبىيەدە بىر سودا سارىيىدا پارتلاش يۈز بەردى

كولومبىيەدە ساياھەتچىلەر كۆپ بارىدىغان بىر سودا سارىيىدا پارتلاش يۈز بەردى. پارتلاش سودا ساراينىڭ ئاياللار ھاجەتخانىسىدا مەيدانغا كەلدى. سۈنئىي ئۇسۇلدا ياسالغان بومبا ئۈچ ئادەمنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولدى. كولومبىيە پىرېزىدېنتى پارتلاش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرگە 35 مىڭ دوللار مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.