ب د ت ئىسرائىلىيەنىڭ  ت ر ت ئەترىتىگە قىلغان ھۇجۇمىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىسرائىلىيەنىڭ  ت ر ت ئەترىتىگە قىلغان ھۇجۇمىنىڭ غەززەدە مۇخبىرلار دۇچ كېلىۋاتقان خەتەرلەرنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىنى ۋە بۇ ۋەقەنى ئوچۇق ۋە ئىشەنچلىك ھالدا تەكشۈرۈش كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى.

2127171
ب د ت ئىسرائىلىيەنىڭ  ت ر ت ئەترىتىگە قىلغان ھۇجۇمىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت باياناتچىسى ستېفان دۇجارىك ئىسرائىلىيەنىڭ ت ر ت ئەترىتى قاتارلىق مۇخبىرلارغا قىلغان ھۇجۇمى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى.

دۇجارىك ئۇلارنىڭ بۇ ۋەقە توغرىسىدا تېخى تەپسىلىي ئۇچۇرغا ئىگە ئەمەسلىكىنى تىلغا ئېلىپ: «بۇ ۋەقە غەززەدە مۇخبىرلار دۇچ كېلىۋاتقان خەتەرلەرنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەرمەكتە» دېدى.

دۇجارىك يەنە مۇنداق دېدى: «بۇمۇ باشقا ھادىسىلەرگە ئوخشاش چوقۇم ئوچۇق ۋە ئىشەنچلىك ئۇسۇلدا تەكشۈرۈلۈشى كېرەك»

دۇجارىك غەززەدە ت ر ت غا ئىشلەيدىغان ژۇرنالىستلار دۇچ كەلگەندەك پەلەستىن، سۇدان ۋە باشقا نۇرغۇن جايلاردا ژۇرنالىستلارنىڭ قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدە ژۇرنالىستلار خىزمىتىنى بىخەتەر ئىشلەشكە تىرىشماقتا» دېدى.

ئىسرائىلىيە قىسىملىرى نۇسايرات پاناھلانغۇچىلار لاگېرىغا قىلغان ھۇجۇمىدا، رايوندىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆزىتىۋاتقان ت ر ت ئەرەبچە قانىلى ئەترىتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر تۈركۈم ژۇرنالىستلارنى نۇقتىلىق ھۇجۇم نىشانى قىلغان ئىدى.

ھۇجۇم جەريانىدا ت ر ت ئەرەبچە قانىلى ئەترىتىدىن ئوپېراتور سامى مۇھەممەد شاھەدە، <CNN> قانىلىدىن مۇھەممەد ھەسەن ئەسسالىھى ۋە ئىختىيارى مۇخبىر ئەھمەد بەكىر ئەل لۇھ ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ ھۇجۇم نىشانى بولغان ۋە يارىلانغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر