يىلماز  ئالجىرىيە ئېنېرگىيە مىنىستىرىنى قوبۇل قىلدى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىسى جەۋدەت يىلماز ئالجىرىيە ئېنېرگىيە ۋە كان ئىشلىرى مىنىستىرى مۇھەممەد ئاركابنى قوبۇل قىلدى.

2137583
يىلماز  ئالجىرىيە ئېنېرگىيە مىنىستىرىنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت ئەنقەرەدىكى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان قوبۇلدا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ۋە رايونلۇق مەسىلىلەر، شۇنداقلا تۈركىيە بىلەن ئالجىرىيەنىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ھازىرقى ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىنى يەنىمۇ قۇدرەت تاپقۇزۇش، يوشۇرۇن ھەمكارلىق پۇرسەتلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئومۇمىي سوممىسىنى نىشان بويىچە 10 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن، تۈركىيە – ئالجىرىيە سودا مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەمدە سودا ئىشلىرىغا قۇلايلىق يارىتىپ بېرىش قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر