تۈركىيە ئىسىرائىلىيەگە قارشى يېڭى تەدبىرلەرنى يولغا قويىدۇ

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئىسىرائىلىيەگە قارشى بىر قاتار يېڭى تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشنى قارار قىلغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

2126174
تۈركىيە ئىسىرائىلىيەگە قارشى يېڭى تەدبىرلەرنى يولغا قويىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئىسىرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرى ۋە غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى يەتكۈزۈش توغرىسىدا مۇھىم باياناتلارنى ئېلان قىلدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ غەززەگە ئىيوردانىيە ئارقىلىق ئايروپىلان بىلەن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى يەتكۈزۈش تەلىپىنىڭ ئىسىرائىلىيە تەرىپىدىن رەت قىلىنغانلىقى ئۈستىدە توختالدى.

ئۇ: «ئىسىرائىلىيە ئاچارچىلىق بىلەن بوغۇشۇۋاتقان غەززەلىكلەرگە ئايروپىلان بىلەن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى يەتكۈزۈش تەلىپىمىزنى رەت قىلدى. بىزمۇ ئىسىرائىلىيەگە قارشى بىر قاتار يېڭى تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشنى قارار قىلدۇق» دېدى.

ئۇ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تەرىپىدىن تەستىقلانغان بۇ تەدبىرلەرنى كېچىكتۈرمەستىن قەدەممۇ قەدەم ئىجرا قىلىدىغانلىقلىرىنى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار تەرىپىدىن جەمئىيەتكە ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«ئىسىرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىشنى ئېلان قىلغۇچە ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنىڭ غەززەگە ئۈزۈكسىز شەكىلدە يەتكۈزۈلۈشىگە رۇخسەت قىلغۇىچە بۇ تەدبىرلىرىمىزنى ئىجرا قىلىمىز.»

ئۇ تۈركىيەنىڭ دېڭىز ۋە ھاۋا يولى بىلەن غەززەگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن مىسىرغا ئەۋەتىلگەن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنىڭ 45 مىڭ توننادىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى، تۈركىيەنىڭ غەززەگە ئەڭ كۆپ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ئەۋەتكەن ئىككى دۆلەتنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئاخىرىدا، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرى قاچىلانغان توققۇزىنچى پاراخوتنىڭ يولدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، خېلى ۋاقىتتىن بۇيان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنىڭ پاراشوت بىلەن غەززەگە يەتكۈزۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر