ئىراقنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى

ئىراقنىڭ شىمالىدىكى مەتىنا ۋە گارا رايونلىرىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك ئەزاسى ئالتە تېررورچى ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۇجۇقتۇرۇلدى.

2123527
ئىراقنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ: «ئىزدە، تاپ، يوقات! قەھرىمان تۈركىيە قىسىملىرىمىز ئىراقنىڭ شىمالىدىكى مەتىنا ۋە گارا رايونلىرىدا بايقىغان ئالتە پ ك ك تېررورچىسىنى ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۇجۇقتۇردى. زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىمىز رايوندىكى ئەڭ ئاخىرقى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنىپ بولغۇچە قەتئىيلىك بىلەن داۋاملىشىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر