فىدان پ ك ك نىڭ قۇتراتقۇلۇقلىرى توغرىسىدا توختالدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فىدان، تۈركىيەنىڭ زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى نەتىجىسىدە بولۇڭغا قىستىلىپ قالغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك نىڭ ئۆزىگە كەڭچىلىك قىلىپ كېلىۋاتقان ياۋروپا دۆلەتلىرىدە تېررور ۋەھىمىسى پەيدا قىلغانلىقىنى ئېيتتى

2121502
فىدان پ ك ك نىڭ قۇتراتقۇلۇقلىرى توغرىسىدا توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر خاقان فىدان ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر پائالىيەتتە سۆز قىلىپ، يېقىنقى كۈنلەردە پ ك ك تەرەپدارلىرىنىڭ بېلگىيەنىڭ ئوخشىمىغان ئىككى شەھىرىدە تۈركىيە پۇقرالىرىغا پەسكەشلەرچە ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

«ئۇلار گېرمانىيەنىڭ خاننوۋېر شەھىرىدىكى كونسۇلخانىمىزغا ھۇجۇم قىلغۇدەك دەرىجىدە ھەددىدىن ئاشتى» دېگەن فىدان، فىرانسىيەدىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قۇتراتقۇلۇق قىلىش ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى تەكىتلىگەندىن كېيىن، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «پ ك ك بىز زەربە بەرگەنسېرى بولۇڭغا قىستالماقتا، بولۇڭغا قىستىلىپ قالغانسېرى، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇنىڭغا كەڭچىلىك قىلىپ كېلىۋاتقان ياۋروپا دۆلەتلىرىدە تېررور ۋەھىمىسى پەيدا قىلماقتا. دۆلىتىمىز بولسا، پۇقرالىرىنى ھەر قانداق ئەھۋالدا قوغدايدۇ. مەسىلە مۇشۇنچىلىك ئاددى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر