دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىسىرائىلىيە بىلەن ھېچقانداق ھەمكارلىقىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈردى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىسىرائىلىيە بىلەن ھەربىي تەلىم-تەربىيە، مانېۋىر ۋە مۇداپىئە سانائىتى ساھەلىرىدە ھېچقانداق ھەمكارلىق پائالىيەتلىرىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

2120752
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىسىرائىلىيە بىلەن ھېچقانداق ھەمكارلىقىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسىرائىلىيەنىڭ غەززەدە ئايال ۋە كىچىك بالا دەپ ئايرىپ ئولتۇرماستىن، دوختۇرخانا، مەكتەپ، مۇساپىرلار لاگېرلىرى ۋە پۇقرالارنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«پەلەستىننى ھەر دائىم قوللىغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە زىيان بېرىدىغان پائالىيەتلەرنى قىلىشى ياكى بۇ تۈردىكى پائالىيەتلەرگە قېتىلىشى مۇمكىن ئەمەس. بۇ رامكىدا، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئىسىرائىلىيە بىلەن ھەربىي تەلىم-تەربىيە، مانېۋىر ۋە مۇداپىئە سانائىتى قاتارلىق ساھەلەردە ھېچقانداق ھەمكارلىق پائالىيەتلىرى يوق.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر