ئىراقنىڭ شىمالىدا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى
ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك غا قارشى ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى، تۆت ئەسكەر يارىلاندى.
2117528
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى <پەنچە-قۇلۇپ> ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا پ ك ك تېررورچىلىرىنىڭ سوقۇنۇپ كىرىپ ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنۇشى جەريانىدا، بىر ئەسكەرنىڭ شېھىت بولغانلىقىنى، تۆت ئەسكەرنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
يارىدار ئەسكەرلەرنىڭ دوختۇرخانىلاردا بالنىستقا ئېلىنغانلىقى قەيت قىلىنغان باياناتتا: «يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا، دەسلەپكى ئېنىقلاشلارغا قارىغاندا، ئالتە تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى. رايوندىكى زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى ئۈزلۈكسىز داۋام قىلماقتا» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.