فىدان: بارلىق تاشقى سىياسەت قوراللىرىنى ئىشقا سېلىپ، رايوننىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىمىز

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان تۈركىيەنىڭ بارلىق تاشقى سىياسەت قوراللىرىنى ماس قەدەمدە ئىشلىتىپ، رايوننىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىرادىسىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

2117109
فىدان: بارلىق تاشقى سىياسەت قوراللىرىنى ئىشقا سېلىپ، رايوننىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر خاقان فىدان بىر تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ سۆھبەت پىروگراممىسىغا چىقىپ، تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسەت كۈنتەرتىپى توغرىسىدا توختالدى ۋە مۇناسىۋەتلىك سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

ئۇ ئىراقتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ھەققىدە توختىلىپ: «بىزنىڭ ئارزۇيىمىز سۇلايمانىيەدىكى دوستلىرىمىزنىڭ پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي خاتالىقلىرىنى تۈزىتىپ، تارىختىكىگە ئوخشاش بۈگۈنكى كۈندىمۇ تۈركىيە بىلەن بولغان دوستلۇقىنى كۈچەيتىشى ۋە ئورتاق كەلگۈسىگە قاراپ بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشىمىزدۇر» دېدى.

مىنىستىر فىدان ئۆزلىرىنىڭ ئەربىل، سۇلايمانىيە، باغداد، كەركۈك ۋە موسۇلنىڭ كەلگۈسىنى ئۇ يەرنىڭ ئاھالىسى بىلەن «بىرلىكتە» بەرپا قىلىدىغانلىقلىرىنى، ئۇ يەردە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا ئورۇن يوقلۇقىنى تىلغا ئېلىپ: «بىز ھازىر ئۇلارنى سىستېمىمىزنىڭ سىرتىغا چىقىرىۋېتىشىمىز كېرەك. بۇلار ئىشلىتىلىش مۇددىتى ئۆتۈپ كەتكەن تەشكىلاتلار. مەن تىلغا ئالغان شەھەرلەر ۋە مەدەنىيەتلەر قەدىمكى مەدەنىيەتلەر بولۇپ، ئۇلار ئىلگىرى بۇ خىل تەھدىتلەرنى يەڭدى، ئىنشائاللاھ،  بۇنىڭدىن كېيىنمۇ يېڭىدۇ» دېدى.

ئۇ كۈنتەرتىپتە تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىرلەرنىڭ بار ياكى يوقلۇقى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا: «سىز مېنىڭ دۈشمىنىمنى قوللاۋاتقان بولسىڭىز، مېنىڭ نېمىلەرنى قىلىشىمنى ئۈمىد قىلاتتىڭىز؟ بىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى مەيدانىمىز ئېنىق. بۇ دۈشمەننىڭ سەندىن پايدىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مېنىڭ مەجبۇرىيىتىم. مەن بۇ ئىشنى قىلىمەن. بۇنى قىلىش جەريانىدا، مەن ساڭا ھىيلە، تۇراق قۇرمايمەن، (ھەممە گەپنى) يۈزۈڭگە دەيمەن، بۇنىڭدىن ۋاز كەچ، چۈنكى بۇ سەن ئۈچۈن پايدىلىق ئەمەس، ھېچكىمگە پايدىلىق ئەمەس. سۇلايمانىيەدىكى خەلق تۈركىيەنىڭ دوستى، ئۇلار تېررورلۇق تەشكىلاتى (پ ك ك) بىلەن مۇناسىۋىتى بولىدىغان بىر خەلق ئەمەس» دەپ جاۋاب بەردى.

مىنىستىر فىدان يەنە: «كۇردىستان ۋەتەنپەرۋەرلەر ئىتتىپاقىنىڭ سۇلايمانىيەدىكى رەھبەرلىكى ۋە ئۇنى تەشكىل قىلغان ئەترەتنىڭ (بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى) پ ك ك بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ۋە سەمىمىيىتى، بىزگە نىسبەتەن بىر مەسىلە بولۇشتىن ھالقىپ، دۆلەت بىخەتەرلىك تەھدىتىگە ئايلاندى... تۈركىيە بارلىق تاشقى سىياسەت قوراللىرىنى ماس قەدەمدە ئىشلىتىپ، رايوننىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر