ئىراقنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى

ئىراقنىڭ شىمالىدىكى «پەنچە-قۇلۇپ» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك ئەزاسى ئىككى تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى.

2116287
ئىراقنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ: «ئىراقنىڭ شىمالىدىكى <پەنچە-قۇلۇپ> ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا بايقالغان پ ك ك ئەزاسى ئىككى تېررورچى تۈركىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئۇجۇقتۇرۇلدى. قەيەردە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرىشىمىز ئەڭ ئاخىرقى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنىپ بولغۇچە داۋاملىشىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندانى گېنېرال سەلچۇق بايراقتارئوغلۇنىڭ بىر قىسىم باتالىيون ۋە چېگرا مۇداپىئەسى قوماندانلىىرى بىلەن بىرلىكتە ئىراقنىڭ شىمالىدىكى پەنچە-چاقماق ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدىكى زىنار زىنار تېغى بازىسىدىكى خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر