فىدان ئىراقتىكى ئۇچرىشىشلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئەزەربەيجانغا يۈرۈپ كەتتى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئىراقتىكى ئۇچرىشىشلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئەزەربەيجانغا يۈرۈپ كەتتى.
2115823
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر خاقان فىدان ئەزەربەيجاندا چاقىرىلىدىغان «تۈركىيە-ئەزەربەيجان-گىرۇزىيە» ئۈچ تەرەپ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.
مەنسەپداشلىرى بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزۈشىمۇ پىلانلىنىۋاتقان مىنىستىر فىداننىڭ 11-نۆۋەتلىك باكۇ مۇنبىرىگە قاتنىشىشى مۆلچەرلەنمەكتە.
ئۇ ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادتىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن، ئىراق تۈركمەن فرونتى رەئىسى ھەسەن تۇران ۋە كەركۈك پارلامېنت ئەزاسى ئەرشات سالىھى قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشتى.