ئەردوغان «مۇستەقىللىق مارشىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى خاتىرە كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن تېلېگرامما يوللىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «بىزنىڭ مۇستەقىللىق (دۆلەت) مارشىمىزنى ئۇنتۇپ قالغان كۈنىمىز، پۇتىمىزغا ئاسارەت كىشەنلىرى سېلىنغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ» دېدى.

2114322
ئەردوغان «مۇستەقىللىق مارشىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى خاتىرە كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن تېلېگرامما يوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 12-مارت مۇستەقىللىق مارشىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ۋە مارش شائىرى مەھمەت ئاكىف ئەرسوينى خاتىرىلەش كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن تېلېگرامما تارقاتتى.

مۇستەقىللىق مارشىنىڭ مىللەت سۈپىتىدە ئەركىنلىككە ئېرىشىپ، ۋەتىنىنى ئىشغالدىن ئازاد قىلىپ، يېڭى كەلگۈسى بەرپا قىلىشنىڭ بىر ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرىكى ئورتاق مىللىي تونۇشنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان ئەردوغان: «بىزنىڭ مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشىمىز، قىممەت قارىشىمىز، ئېتىقادىمىز، خەلقىمىزنىڭ تارىختىكى يۈرۈشى مۇستەقىللىق مارشىمىزنىڭ مىسرالىرىدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. مۇستەقىللىق ئۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلغان تۈركىيە بۈيۈك مىللىي مەجلىسىنىڭ ئىرادىسى ۋە قەتئىيلىكى؛ ئالدىنقى سەپتىكى ئەسكەرلىرىمىزنىڭ پىداكارلىقى، ئىرادىسى ۋە ۋەتەن سۆيگۈسى مۇستەقىللىق مارشىدا ئىپادىلەنگەن» دېدى.

بۈگۈنمۇ مۇستەقىللىق مارشىدىكى ھەر بىر سۆز، ھەر بىر ئۇچۇرنى بەدىنى ۋە روھىنىڭ ھەربىر تالالىرىغىچە قوبۇل قىلغان ياشلارنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىگەن جۇمھۇر رەئىس، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بىزنىڭ بايراق ۋە ئەزان سەزگۈرلۈكىنى ۋاقتى كەلگەندە ھاياتى بەدىلىگە قوغدايدىغان ئەۋلادلىرىمىز بار. تۈرك خەلقىنىڭ مىڭلارچە يىللىق دۆلەت ۋە مەدەنىيەت دەۋاسىنى ئون قىتئەدە قەلبلەرگە ئويغان مۇستەقىللىق مارشىمىزنى ئۇنتۇپ قالغان كۈنىمىز، پۇتىمىزغا ئاسارەت كىشەنى، بوينىمىزغا زىللەت زەنجىرى سېلىنغان بولىدۇ. خەلقىمىزنىڭ قەلبىدە ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە بولغان ئۇلۇغ ۋەتەنپەرۋەر شائىرىمىز مەھمەت ئاكىف ئەرسوي، مۇستەقىللىق مارشىمىزنى ئۆز ئىچىگە  ئالغان ئەسەرلىرى ۋە پىكىرلىرى بىلەن ھەر دائىم ھۆرمەت بىلەن ئەسلىنىدۇ. دۆلەت مارشىمىز قوبۇل قىلىنغانلىقىنىڭ خاتىرە يىلىدا، مەھمەت ئاكىف ئەرسوي قاتارلىق مۇستەقىللىق كۈرىشىمىزنىڭ بارلىق قەھرىمانلىرىنى سېغىنىش ۋە مىننەتدارلىق ئىچىدە خاتىرىلەيمەن ھەمدە بارلىق خەلقىمىزگە چىن ھېسياتىم بىلەن سالام يوللايمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر