ئەردوغان ۋۇجىجنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سېربىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندېر ۋۇجىجنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدى.
2111338
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان پىرېزىدېنت ۋۇجىجقا تېلېفون قىلىپ، تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىگەن.