ئەردوغان پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شەرىف بىلەن كۆرۈشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شەرىف بىلەن تۈركىيە-پاكىستان مۇناسىۋەتلىرى، رايون خاراكتېرلىك ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئېكس (X) بېتىدە ئۇچۇر ھەمبەھرلەپ، ئەردوغان بىلەن پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شەرىفنىڭ تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى. ھەمبەھىرلەنگەن ئۇچۇردا مۇنداق دېيىلدى:
«ھۆرمەتلىك جۇمھۇر رەئىسىمىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شەرىف بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى. سۆھبەتتە تۈركىيە-پاكىستان مۇناسىۋەتلىرى، رايون خاراكتېرلىك ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى. جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سۆھبەتتە شاھباز شەرىفنىڭ قايتىدىن باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىگە سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى ۋە بۇ يېڭى مەزگىلدە تۈركىيە - پاكىستان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇرلاشقان ھالدا تەرەققىي قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان پاكىستاندا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى ۋە پاكىستان خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.»