تۈركىيەنىڭ غەززەگە قىلىدىغان ياردىمى مەرسىندىن يولغا چىقىدۇ

تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتى باشلىقى فاتما مەرىچ يىلماز غەززەگە تەخمىنەن 2700 توننا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنىڭ يەتكۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2110397
تۈركىيەنىڭ غەززەگە قىلىدىغان ياردىمى مەرسىندىن يولغا چىقىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتى باشلىقى فاتما مەرىچ يىلماز ئېكس (X) ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرلەپ، غەززەگە ياردەم ئېلىپ بارىدىغان يەنە بىر پاراخوتنىڭ قىزىلئاي ئەترىتى تەرىپىدىن تەييارلانغانلىقىنى ئېيتتى.

فاتما مەرىچ يىلماز تەخمىنەن 2700 توننا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى يۈكلەش خىزمىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ۋە پاراخوتنىڭ مەرسىندىن يولغا چىقىپ مىسىرغا يېتىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ياردەملىرىمىز يۈك ئاپتوموبىللىرى بىلەن مىسىرنىڭ رەفاھ چېگرا ئېغىزىدىن غەززەگە يەتكۈزۈلىدۇ» دېدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ 7 - ئۆكتەبىر (2023) دىن بۇيان غەززە رايونىغا قاراتقان ۋەھشىيانە ھۇجۇملىرىدا، كۆپىنچىسى كىچىك بالىلار بولۇپ، جەمئىي30 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىن پۇقراسى قىرغىن قىلىندى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر