ئەردوغان بەردىمۇھەممەدوۋ بىلەن كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركمەنىستان مىللىي رەھبىرى، خەلق مەنپەئەتى ئورگىنى باشلىقى گۇربانگۇلى بەردىمۇھەممەدوۋ بىلەن كۆرۈشتى.

2109809
ئەردوغان بەردىمۇھەممەدوۋ بىلەن كۆرۈشتى
erdoğan radev.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئانتاليا دىپلوماتىيە مۇنبىرىگە قاتناشقان دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى بىلەن كۆرۈشۈشنى باشلىدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن بەردىمۇھەممەدوۋ تۈركىيە-تۈركمەنىستان ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى، رايون ۋە دۇنياۋى مەسىلىلەر شۇنداقلا ئىسرائىلىيەنىڭ بىگۇناھ پۇقرالارغا قاراتقان سىستېمىلىق ھۇجۇملىرى توغرىسىدا سۆھبەتلەشكەن.

ئەردوغان تۈركمەنىستان بىلەن ھەر ئىككى دۆلەتكە ئۆزئارا نەپ يەتكۈزىدىغان ئۆزئارا قەدەملەرنى تاشلاشنى داۋاملاتۇرۇپ،  ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا سوممىسىنى 5 مىليارد دوللارلىق سەۋىيەگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇ سۆھبەت جەريانىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ يېمەكلىك ياردىمى ئېلىشنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان پۇقرالارغا قىلغان ھۇجۇمىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى، تۈركىيە بىلەن تۈركمەنىستاننىڭ رايونغا ئەۋەتىلگەن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەمكارلاشسا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

سۆھبەت جەريانىدا يەنە، «تەبىئىي گاز ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش رامكا كېلىشىمى»، «نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ساھەسىدە ھەمكارلىق ئورنىتىش ئىرادىسى خىتابنامىسى» ۋە «تۈركمەنىستان ئاۋىياتسىيە شىركىتى بىلەن تۈركىيە ئاۋىياتسىيە ئورگىنى ئۇنىۋېرسىتېتى ئوتتۇرىسىدىكى چۈشىنىش كېلىشىمى» قاتارلىقلار ئىمزالانغان.

سۆھبەتتىن ئىلگىرى، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا تۇغۇلغان كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركمەنىستان تەرىپىدىن «تۈركمەن خەلقىنىڭ پەخرىي ئاقساقىلى» ئۇنۋانى بېرىلدى ۋە تون سوۋغا قىلىندى. ئەردوغان گۇربانگۇلى بەردىمۇھەممەدوۋغا رەھمەت ئېيتتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان مۇنبەر دائىرىسىدە يەنە بۇلغارىيە پىرېزىدېنتى رۇمېن رادېۋ بىلەنمۇ كۆرۈشتى.

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئۇچرىشىشتا، تۈركىيە بىلەن بۇلغارىيەنىڭ، بولۇپمۇ مۇداپىئە سانائىتى ۋە ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، باشقا ساھەلەردىكى مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇ تۈركىيەنىڭ بۇلغارىيە بىلەن تاش يول ئارقىلىق سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز ئېكسپورت قىلىش، تەجرىبە ئالماشتۇرۇش ۋە قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىشىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان كۆرۈشۈشتە، تۈركىيەنىڭ مەيلى ئۇكرائىنا-رۇسىيە، مەيلى ئىسرائىلىيە-پەلەستىن توقۇنۇشنىڭ رايونغا كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغانلىقىنى، مەسىلىنى سۆھبەت ۋە تىنچلىق يولى ئارقىلىق ھەل قىلىش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر