ئەردوغان تۈركىيەنىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىككىنچى يىلىنى ئارقىدا قالدۇرغان رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى توغرىسىدا توختىلىپ: «بىز ئىلگىرى ئىستانبۇلدا قۇرغان تىنچلىق سۆھبىتى ئۈستىلىنى قايتىدىن قۇرۇشقا تەييارمىز» دېدى.

2108888
ئەردوغان تۈركىيەنىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئۇكرائىنا-جەنۇبىي شەرقىي ياۋروپا باشلىقلار يىغىنىغا يوللىغان سىن كۆرۈنۈشلۈك تېلېگراممىسىدا، تۈركىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ مۇستەقىللىقى، ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوللايدىغانلىقىنى، قىرىم تاتارلىرىنىڭ ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئەردوغان ئۇرۇشنى ئادىل ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىق ئارقىلىق ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، دىپلوماتىيە ۋە دىيالوگقا پۇرسەت بېرىش كېرەكلىكى توغرىسىدىكى كۆز قارىشىدا ھازىرمۇ چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: « بىز ئىلگىرى ئىستانبۇلدا قۇرغان تىنچلىق سۆھبىتى ئۈستىلىنى قايتىدىن قۇرۇشقا تەييارمىز. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، ئورتاق جۇغراپىيەمىز بولغان بالقان رايونىدا شەرقىي جەنۇبىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ھەمكارلىق مۇساپىسى ئارقىلىق جانلانغان ئىتتىپاقلىق روھىنىڭ يېقىن ئەتراپتىكى جۇغراپىيەمىزگىمۇ كېڭىيىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئەردوغان باشلىقلار يىغىنىنى تەشكىللەشكە تۆھپە قوشقانلارنى، بولۇپمۇ باشلىقلار يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلغان ئالبانىيە باش مىنىستىرى ئەدى رامانى چىن كۆڭلىدىن تەبرىكلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر