جەۋدەت يىلماز بۈگۈن ئەنگلىيەگە بارىدۇ

مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس جەۋدەت يىلماز بۈگۈن (26-فېۋرال) مەبلەغ سالغۇچىلار بىلەن بىرگە ھەر خىل ئۇچرىشىشلاردا بولۇش ئۈچۈن ئەنگلىيەگە بارىدۇ.

2107301
جەۋدەت يىلماز بۈگۈن ئەنگلىيەگە بارىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەۋدەت يىلماز ئەنگلىيەدىكى زىيارىتىنىڭ بىرىنچى كۈنىدە، تۈركىيەنىڭ لوندوندىكى باش ئەلچىسى ئوسمان كوراي ئەرتاش بىلەن ئەلچىخانا تۇرالغۇسىدا كۆرۈشىدۇ ۋە تۈركىيە سودا دۇنياسىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولىدۇ.

مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس جەۋدەت يىلماز پىروگراممىسىنىڭ ئىككىنچى كۈنىدە، ئەنگلىيەنىڭ مۇئاۋىن باش ۋەزىرى ئولىۋېر دوۋدېن، ياۋروپا قايتا قۇرۇش ۋە تەرەققىيات بانكاسىنىڭ رەئىسى ئودىلې رېناد باسسو ۋە قىبرىس تۈرك جەمئىيىتى ۋەكىللىرى بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشىدۇ. ئاندىن ئەنگلىيە سانائەت بىرلەشمىسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.

جەۋدەت يىلماز يەنە، ئەنگلىيە يۇنۇس ئەمرە ئىنستىتۇتى تۈركىيە مەدەنىيەت مەركىزىدە، تۈرك جامائىتىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ. ئاندىن تۈركىيەنىڭ مەبلەغ سېلىش پۇرسەتلىرىنى چۈشەندۈرش ئۈچۈن لوندون ئاكسىيە بازىرىدا مەبلەغ سالغۇچىلار بىلەن ئۇچرىشىدۇ.

جەۋدەت يىلمازغا پىروگراممىلىرى بويىچە، جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى مەبلەغ سېلىش ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى ئەھمەت بۇراك داغلىئوغلۇ ھەمراھ بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر