تۈركىيە-كامېرون سىياسىي كېڭىشىش يىغىنى يائۇندېدا ئۆتكۈزۈلدى

ئىككىنچى نۆۋەتلىك تۈركىيە - كامېرون سىياسى كېڭىشىش يىغىنى كامېرون پايتەختى يائۇندېدا ئۆتكۈزۈلدى.

2104714
تۈركىيە-كامېرون سىياسىي كېڭىشىش يىغىنى يائۇندېدا ئۆتكۈزۈلدى
sebnem cenk-turkiye-kamerun.jpg
sebnem cenk-turkiye-kamerun.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كامېرون تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن كېڭىشىش يىغىنىغا كامېروننىڭ ئەنگلىيە مىللەتلەر ئورتاق گەۋدىسى بىلەن ھەمكارلىشىش ئىشلىرىغا مەسئۇل تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مىبايۇ فېلىكس بىلەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ غەربىي ۋە ئوتتۇرا ئافرىقا ئىشلىرى باش مۇدىرى، باش ئەلچى شەبنەم جەنك بىرلىكتە رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىنىدا، مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى ھەمكارلىق، مائارىپ، تەنتەربىيە ۋە ئىلىم-پەن ساھەلىرىدە تەجرىبە ئالماشتۇرۇش مەسىلىلىرىمۇ مۇزاكىرە قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر