خاقان فىدان گېرمانىيەدە گىرېتسىيەلىك مەنسەپدېشى يورگوس يېراپېترىتىس بىلەن كۆرۈشتى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان 60 - نۆۋەتلىك ميۇنخېن بىخەتەرلىك يىغىنى دائىرىسىدە، گىرېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يورگوس يېراپېترىتىس بىلەن كۆرۈشتى.

2103976
خاقان فىدان گېرمانىيەدە گىرېتسىيەلىك مەنسەپدېشى يورگوس يېراپېترىتىس بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئۆنجۈ كەچەلىنىڭ X ئادرېسىدا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ۋە گىرېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يېراپېترىتىس ميۇنخېن بىخەتەرلىك يىغىنى جەريانىدا كۆرۈشكەن.

ئۆنجۈ كەچەلى كۆرۈشۈشتە، ئىككى تەرەپ ۋە رايون خاراكتېرلىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ، مۇزاكىرە قىلىنغان تېمىلارنىڭ قاتارىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، 7 - دېكابىر (2023) دا ئافېنادا ئۆتكۈزۈلگەن 5- نۆۋەتلىك يۇقىرى دەرىجىلىك ھەمكارلىق كېڭىشىدە ئىمزالانغان كېلىشىملەرنىڭ ئىجرا قىلىنىشىدىن باشقا يەنە، سىياسىي دىيالوگ، ئىجابىي كۈنتەرتىپ ۋە ئۆزئارا ئىشەنچنى ئاشۇرۇش تەدبىرلىرى دائىرىسىدە تاشلىنىدىغان قەدەملەرنىڭمۇ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۆنجۈ كەچەلى گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرياكوس مىچوتاكىسنىڭ پايتەخت ئەنقەرەدە ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتىنىڭ تەييارلىقلىرىنىڭمۇ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

خاقان فىداننىڭ تۈركىيەنىڭ ميۇنخېندا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىدا ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋەكىللىرى بىلەنمۇ ئۇچراشقانلىقى قەيت قىلىندى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر