قۇرتۇلمۇش گىرۇزىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنى ھۇزۇرىدا قوبۇل قىلدى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى نۇمان قۇرتۇلمۇش پايتەخت ئەنقەرەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان گىرۇزىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىلىيا دارچىياشۋىلىنى ھۇزۇرىدا قوبۇل قىلدى.

2103042
قۇرتۇلمۇش گىرۇزىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنى ھۇزۇرىدا قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى نۇمان قۇرتۇلمۇش مەجلىستە گىرۇزىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىلىيا دارچىياشۋىلى بىلەن كۆرۈشتى. كۆرۈشۈشتە، تۈركىيە-گىرۇزىيە مۇناسىۋەتلىرىدىن باشقا، نۆۋەتتىكى رايون ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەرمۇ مۇزاكىرە قىلىندى.

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى نۇمان قۇرتۇلمۇش ئىككى دۆلەت خەلقلىرى ئوتتۇرىسىدا قەدىمدىن تارتىپ دوستلۇق رىشتىسىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، گىرۇزىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دارچىياشۋىلى ۋە ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەتنى مەجلىستە كۈتۈۋالغانلىقىدىن خۇشاللىق ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشنىڭ ئەھمىيىتى ئۈستىدىمۇ ئالاھىدە توختىلىپ، گىرۇزىيە بىلەن ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنى پارلامېنتلار ئارىسىدىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى، شۇڭا بۇ دائىرىدە دوستلۇق گۇرۇپپىلىرى ئارىسىدىكى ئۇچرىشىش ۋە ئۆزئارا زىيارەتلەرنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر