ئەردوغان ئال نەھيان بىلەن يېپىق سۆھبەت ئۆتكۈزدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولماقتا.

2101602
ئەردوغان ئال نەھيان بىلەن يېپىق سۆھبەت ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان «ئەزىز مېھمان» سۈپىتىدە ئىشتىراك قىلغان «كەلگۈسىنىڭ ھۆكۈمەتلىرىنى شەكىللەندۈرۈش» تېمىلىق «دۇنيا ھۆكۈمەتلەر باشلىقلار يىغىنى» دائىرىسىدىكى ئايرىم ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى دۆلەت رەئىسى مۇھەممەد بىن زايىد ئال نەھيان بىلەن يېپىق سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن خەلقئارا تەشكىلاتلار، خۇسۇسىيلار ئىگىلىكىدىكى ئورگانلار، ئىلىم-پەن، پۇقرالار جەمئىيەتلىرى، ئاقىللار ئامبىرى، ئاخبارات ۋەكىللىرى ۋە سودا-سانائەتچىلەرنى بىر يەرگە جەم قىلىدىغان باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئاساسلىق نۇتۇق سۆزلگۈچىسى بولغان ئەردوغاننىڭ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەنمۇ ئايرىم سۆھبەتلەرنى ئۆتكۈزۈشى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر