تۈركىيە «ئەسىرنىڭ ئاپىتى» ناملىق شىددەتلىك يەر تەۋرەشنىڭ بىرىنچى يىلىنى خاتىرىلىمەكتە

تۈركىيە قاھرامانماراشتا يۈز بېرىپ 11 ۋىلايەتكە تەسىر كۆرسەتكەن «ئەسىرنىڭ ئاپىتى» ناملىق يەر تەۋرەشنىڭ بىرىنچى خاتىرە يىلىدا جاراھەتلىرىگە مەلھەم سۈرۈشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

2098100
تۈركىيە «ئەسىرنىڭ ئاپىتى» ناملىق شىددەتلىك يەر تەۋرەشنىڭ بىرىنچى يىلىنى خاتىرىلىمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 2023-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى سەھەر سائەت 4 تىن 17 مىنۇت ئۆتكەندە، قاھرامانماراشنىڭ پازارچىك ناھىيەسىدە 7.7 بال، ئەلبىستان ناھىيەسىدە (تۈركىيە ۋاقتى) سائەت 13 تىن 24 مىنۇت ئۆتكەندە 7.6 بال يەر تەۋرەپ، 53 مىڭ 537 ئادەم قازا قىلدى، 107 مىڭ 213 ئادەم يارىلاندى.

«ئەسىرنىڭ ئاپىتى» ناملىق يەر تەۋرەشنىڭ بىرىنچى خاتىرە يىلىغا قەدەم قويۇلغان مىنۇتلاردا تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بىرلا ۋاقىتتا پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ، يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار خاتىرىلەندى.

تۈركىيە مىقياسىدىكى ھەر قايسى مەكتەپلەر كۈندىلىك مەشغۇلاتلىرىنى 120 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىرلىق جايدىكى 14 مىليون پۇقراغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتكەن يەر تەۋرەشتە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا بىر مىنۇت ھۆرمەت بىلدۈرۈپ سۈكۈتتە تۇرۇش  بىلەن باشلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر