خاقان فىدان كۈردىستان ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلەشمىسى (KYB) ھۆكۈمىتىنى ئاگاھلاندۇردى

دىپلوماتىيە مىنىستىرى خاقان فىدان كۈردىستان كۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلەشمىسى (KYB) نىڭ ئىراقنىڭ سۇلايمانىيە شەھىرىدىكى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنىڭ ئۇنىمۇ دۈشمەن سىنىپىغا كىرگۈزۈپ قويغانلىقىنى كۆپ قېتىم ئۇقتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

2097429
خاقان فىدان كۈردىستان ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلەشمىسى (KYB) ھۆكۈمىتىنى ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان بىر تېلېۋىزىيە پىروگراممىسىدا كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەرگە دائىر سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنى بىرىنچى مەسىلە سۈپىتىدە كۆرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن خاقان فىدان، سۇلايمانىيەدىكى كۈردىستان (كوردىستان) ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلەشمىسى (KYB) ھۆكۈمىتىنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك بىلەن ئۆزىنى يىراقلاشتۇرمىغانلىقىدىن بىئارام بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

خاقان فىدان كۈردىستان ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلەشمىسىنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان كۈنتەرتىپلىرىدە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئۇلارغا بۇ ئەھۋالنىڭ كوردىستان ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلەشمىسىنى دۈشمەنلەر سىنىپىغا كىرگۈزۈپ قويغانلىقىنى كۆپ قېتىم ئۇقتۇرغانلىقىنى ئېيتتى.

خاقان فىدان كۈردىستان ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلەشمىسى ھۆكۈمىتىگە خاتا يولدىن قايتىش چاقىرىقىنى قايتا تەكىتلەپ، ئەكسىچە بولغاندا، تۈركىيەنىڭ تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن قەدەملەرنى تاشلىشى زۆرۈر بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئالاھىدە ئاگاھلاندۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر