ئىبراھىم كالىن ھەسەن تۇران ۋە ئەرشات سالىھى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى ئىبراھىم كالىن ئىراق تۈركمەن فىرونتى (ITC) نىڭ رەئىسى ھەسەن تۇران ۋە كەركۈك پارلامېنت ئەزاسى ئەرشات سالىھى بىلەن كۆرۈشتى.

2094412
ئىبراھىم كالىن ھەسەن تۇران ۋە ئەرشات سالىھى بىلەن كۆرۈشتى
Erşat salihi.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى ئىبراھىم كالىن ئىراقنىڭ ئەربىل شەھىرىگە بېرىپ، ئىراق كۈردىستان (كوردىستان) دېموكراتىك پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مەسۇت بارزانى ۋە ئىراق كۈرت (كورد) رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى مەسرۇر بارزانى بىلەن كۆرۈشتى.

ئۇچرىشىشىلاردا رايوندىكى ئۆزگىرىشلەر، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەر ۋە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى ئۈنۈملۈك كۈرەش قىلىش مۇزاكىرە قىلىندى، سۆھبەتتە تۈركىيەنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتىكى قەتئىي ئىرادىسى ئېنىق تەكىتلەندى.

ئىبراھىم كالىن ئالدىنقى ھەپتىدىكى ئىراق زىيارىتى جەريانىدىمۇ ئىراق پىرېزىدېنتى ئابدۇللاتىف رەشىد، ئىراق باش مىنىستىرى مۇھەممەد شىيا ئەسسۇدانىدىن باشقا، شىئە ۋە سۈننىي گۇرۇپىپىلارنىڭ ۋەكىللىرى ھەمدە تۈركمەن ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر