فىدان ئۈچ دۆلەت زىيارىتىنى باشلىدى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئالبانىيە پايتەختى تىراناغا يېتىپ باردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تۈنۈگۈن (28-يانۋار) ئالبانىيە پايتەختى تىرانادا تۈركىيەلىك سودا-سانائەتچىلەر بىلەن كۆرۈشتى.
ئۇ بۈگۈن رەسمىي دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى رامكىسىدا، ئالبانىيە ياۋروپا ئىشلىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىلگى ھاسانى بىلەن كۆرۈشىدۇ.
ئۇ زىيارىتى داۋامىدا يەنە، ئالبانىيە باش مىنىستىرى ئېدى راما بىلەنمۇ كۆرۈشىدۇ. ئۇ بۈگۈن كەچتە بۇلغارىيەگە قاراپ يولغا چىقىدۇ ۋە سەيشەنبە (30-يانۋار) پايتەخت سوفىيەدە، چارشەنبە كۈنى رۇمېنىيە پايتەختى بۇخارېستتا زىيارەتتە بولىدۇ.
خاقان فىداننىڭ ئۈچ دۆلەت زىيارىتىدە، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلرىدىن باشقا، رايون ۋە دۇنيادىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە غەززەگە ياردەم بېرىشتە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ
تۈركىيە غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بېرىشتە دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.
تۈركىيە بىرازىلىيەگە تەزىيە بىلدۈردى
تۈركىيە بىرازىلىيەدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن بىرازىلىيەگە تەزىيە بىلدۈردى