ئابدۇللاھىيان: رەئىسىنىڭ زىيارىتى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدە يېڭى بەتنىڭ ئېچىلىشى

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھۈسەيىن ئەمىر ئابدۇللاھىيان پىرېزىدېنت ئىبراھىم رەئىسىنىڭ ئەنقەرە زىيارىتى ۋە نەتىجىلىرى ئۈستىدە توختىلىپ، بۇنىڭ تۈركىيە-ئىران ئوتتۇرىسىدا ھەمدە رايون خاراكتېرلىك ھەمكارلىق ساھەسىدە «يېڭى بەتنىڭ ئېچىلىشى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

2093634
ئابدۇللاھىيان: رەئىسىنىڭ زىيارىتى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدە يېڭى بەتنىڭ ئېچىلىشى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھۈسەيىن ئەمىر ئابدۇللاھىيان ئېكس (X) ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرلەپ، ئىران پىرېزىدېنتى رەئىسىنىڭ تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 24-يانۋار ئەمەلگە ئاشۇرغان ئەنقەرە زىيارىتى ئۈستىدە توختالدى.

ئۇ ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچرىشىشلاردا، سودا، سېلىنما، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، ساياھەت، چېگرا بىخەتەرلىكى ۋە تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قاتارلىق مەسىلىلەر بويىچە بىر قاتار كېلىشىملەرنىڭ ئىمزالانغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ھۆرمەتلىك پىرېزىدېنتىمىزنىڭ تۈركىيە زىيارىتى ۋە نەتىجىلىرى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ۋە رايون خاراكتېرلىك ھەمكارلىقلاردا يېڭى بەتنىڭ ئېچىلىشى ھېسابلىنىدۇ» دېدى.

ئىران پىرېزىدېنتى رەئىسى 24-يانۋار (2024) دىكى تۈركىيە زىيارىتىدە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئەنقەرەدە كۆرۈشكەن ئىدى.

رەئىسىنىڭ زىيارىتى جەريانىدا، تۈركىيە-ئىران ئالىي سەۋىيەلىك ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ 8-قېتىملىق يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى ۋە ئوخشىمىغان ساھەلەر بويىچە 10 كېلىشىم ئىمزالاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر